قەدىمىي شەھەرنى قوغداش توغرىسىدىكى تۇنجى نىزام چىقىرىلدى
شىنجاڭ نىزام چىقىرىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغدىدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: «قوشۇلغىنى 54 ئاۋاز، قارشى تۇرغىنى 0 ئاۋاز، ۋاز كەچكىنى 0 ئاۋاز، كونۇپكا باسمىغىنى 0 ئاۋاز، ماقۇللاندى!»
3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا بىر قەدىمىي شەھەرنى قوغداش ئۈچۈن «مەخسۇس تۈزۈلگەن» تۇنجى نىزام بارلىققا كەلدى. «نىزام» 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
قەشقەر قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش تۈگۈنى. قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ «يىپەك يولىنىڭ تىرىك خاتىرىسى» دېگەن نامى بار. بۇ يەر ئىلگىرى قەشقەر شەھىرىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەر بىرقەدەر كۆپ بۆلەك رايون ئىدى. 2010 - يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت جەمئىي 7 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئۆزگەرتىش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى بار ئەنئەنىۋى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنى ئەسلىدىكى ماكان قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا رېمونت قىلىپ پۇختىلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، قانداق قىلغاندا تارىخىي ئىزلارنى ساقلاپ قېلىش بىلەن سودا تەرەققىياتى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش، قوغداش مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولماسلىق، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يېڭى تېمىغا ئايلاندى. «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەت، دىن، تاشقى ئىشلار، خۇاچياۋلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما جيەن مۇنداق دېدى: «مۇشۇ ئاساستا، بىز <نىزام>نى تۈزۈپ ئېلان قىلدۇق».
«نىزام» جەمئىي بەش باب، 30 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەم قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى پىلانلاش ۋە قوغداش گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەم دىققەت ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈلگەن. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، قەدىمىي شەھەرنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىشنى چۆرىدەپ، «نىزام»دا قوغداش، پىلانلاش ئوبيېكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، قەدىمىي شەھەرنى قوغداشقا پايدىسىز نۇرغۇن قىلمىش چەكلەندى. زىيادە تاۋارلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپسىز ئېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «نىزام»دا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش دائىرىسىدىكى تىجارەت پائالىيىتى بەلگىلىنىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ سودا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تۈرلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇش تەلەپ قىلىندى.
«قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مۇقەررەر ھالدا گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ.» قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ياڭ يەنفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «نىزام»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار تارماقلارنى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى قانۇن بويىچە تۈزۈشكە تەشكىللەيمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ چىن مۇنداق بىلدۈردى: تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھەرلىرىنى قوغداش جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن «ھەممە شەھەر بىر قېلىپتا بولۇش» ھادىسىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، «نىزام»دا قوغداش ئاساسىدا جانلىق پايدىلىنىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى.
«<نىزام> يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى قەشقەر ساپال بۇيۇملار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى زۇلپىقار ئابابەكرى.
«نىزام»دا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش دائىرىسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ ئەسلىي ئورنىدا ئولتۇراقلىشىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا قاتنىشىپ، شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى نامايان قىلىپ، خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلدى. ما جيەن مۇنداق دېدى: «بۇ، قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخى ۋە خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق».