ئېتىز بېشىدىن لۇشۈن ئەدەبىيات شۆيۈەنىگىچە
تۇرپانلىق دېھقان ئايالنىڭ قەلىمىدىكى ئۆرۈك دەرىخى ئاستىدا يېزىلغان مىسرالار
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ
«ئارقا ھويلىدا، مەن ئوت قالاۋاتاتتىم تونۇرغا\ئۆرۈك دەرىخىنىڭ بىر شېخى ئۆسكەنىدى تونۇرغا قاراپ\ئوت كۆيەتتى لاۋۇلداپ\ئۆرۈك شېخىمۇ لىڭشىيتتى ئۇنىڭغا قاراپ\كېسىۋەتسەك بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم بۇ شاخنى\قېيىنئانام چىقىپ\ئەكېلىپ بەردى ئوتۇننى\قاراپ قويۇپ ئۆرۈك شېخىغا\دېدى ئۇ كېلەر يىلى يۆتكىۋېتەيلى تونۇرنى».
3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى، شۇ كۈنى سائەت 20دە، جۇڭگو شېئىرىيەت تورىنىڭ «كۈندىلىك ياخشى شېئىرلار» سەھىپىسى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شېئىر ھەۋەسكارلىرىغا «تونۇر ۋە ئۆرۈك شېخى» ناملىق بۇ قىسقا شېئىرنى تونۇشتۇردى، ئۇنىڭ ئاپتورى گۈلسۈمخان ئوسمان «بۇ ساندىكى شائىر» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەسىراتىنى ھەمبەھرىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شېئىر ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ھەم ئالقىشىغا ئېرىشتى.
34 پارچە مۇستەقىل يازما شەكلىدە قالدۇرۇلغان باھا سۆزى ئىچىدە، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى يى شىنيى مۇنداق يازغانىدى: بۇ قىزىقارلىق ھەم پەلسەپەۋى قائىدىگە تويۇنغان قىسقا شېئىر بولۇپ، ھەم تونۇر بىلەن ئۆرۈك شېخىنىڭ توقۇنۇشىنى نامايان قىلغان، ھەم «مەن» بىلەن قېيىنئانىسى ئارىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان تاللاشنى ئەكس ئەتتۈرگەن، توقۇنۇش بىلەن تاللاشنى كۈندىلىك ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئاددىي تۇرمۇشنى پەلسەپەۋى قائىدە نۇرى ۋە شېئىرىي تۇيغۇغا ئىگە قىلغان. ھاياتلىق داۋام ئەتسۇن، جانسىز شەيئىلەر ھاياتلىققا يول بەرسۇن − ئاق كۆڭۈل قېيىنئانا بىلىپ بىلمەيلا «مەن»گە بىر دەرس ئۆتكەن، بىرى يوشۇرۇن («مەن»نىڭ خىيالى)، بىرى ئاشكارا (قېيىنئانىسىنىڭ ئېيتقانلىرى) مەزمۇن قىسقا شېئىرنى نەپىس، قىزىقارلىق تۈسكە ئىگە قىلغان.
گۈلسۈمخاننىڭ ئۆيى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى گوبى مەھەللىسىدە بولۇپ، بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن ئۇ ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى، ئېرى ۋە قېيىنئاتا - قېيىنئانىسى بىلەن پاكىز، ئازادە دېھقان ھويلىسىدا بىللە تۇرىدۇ، ھويلا سىرتىدىكى سەككىز تۈپ ئۆرۈك دەرىخى بۇ چاغدا راسا چېچەكلىگەنىدى. «مەن 20 يېشىمدا بۇ ئائىلىگە ياتلىق بولغىنىمدا، مۇشۇ ئۆرۈك دەرەخلىرىدىن ئەڭ مەمنۇن بولغانىدىم، بىلسەڭلار، تۇرپاندا ھەممىلا كىشىنىڭ ئۆيىدە ئۆرۈك دەرىخى بولۇۋەرمەيدۇ.» ئۆرۈك دەرىخى تىلغا ئېلىنسىلا، گۈلسۈمخان تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىققا چۆمىدۇ.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، گۈلسۈمخان داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇمىدى. ئۆينىڭ كىچىكى بولغان گۈلسۈمخاننى ئانىسى بەك ئەتىۋارلايتتى، گەرچە ئۇ مەكتەپتە ئىزچىل ئەلا ئوقۇغان، كىتاب ئوقۇش ۋە شېئىر يېزىشقا ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدە يەر ئاز، نوپۇس كۆپ بولغاچقا، ئامالسىز ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولدى. مەكتەپتىن ئايرىلىپ توي قىلىپ بالىلىق بولغۇچە، گۈلسۈمخان ئىزچىل ئەدەبىيات ۋە شېئىرغا بولغان قىزىقىشىدىن ۋاز كەچمەي، كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يېزىش ئادىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. 2011 - يىلى، ئۇ «تۇرپان گېزىتى»(ئۇيغۇرچە نۇسخىسى)گە ئەسەر ئەۋەتىپ، «بىلىمگە تەشنا بولۇش» ناملىق تۇنجى نەسىرىنى ئېلان قىلدى. ئەمما كېيىن، ئۇ ئارقا - ئارقىدىن بالىلىق بولغاچقا، ئەدەبىي ئىجادىيىتىمۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى.
«بالىلىرىم مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئۆگىنىشتىكى ئوقۇتقۇچۇم.» بالىلىرىنىڭ مەكتەپ ۋە يەسلىدىن ئۆيگە ئېلىپ كەلگەن دەرسلىك كىتابلىرى ۋە ئوقۇشلۇقلىرى ئۇنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالىغا ئايلاندى، تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىش ۋە يادلاشمۇ ئۇنىڭ كۈندىلىك مەشىقى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يان تېلېفونمۇ ئۇنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ياقتۇرىدىغان ماقالە ياكى بىلىم نۇقتىلىرىنى ئۇچرىتىپ قالسىلا، كۆچۈرۈپ يازاتتى، ئوغۇل - قىزلىرىمۇ تىرىشچان ھەم ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئاپىسىغا ناھايىتى سەۋرچان ئىدى، «يازالمايدىغان خەتلەر ئۇچراپ قالسا، كۇتۇپخانىدا تۇرۇپ چاقىرساملا، بىرەر بالام دەرھال كىرىپ، ئاپا، قايسى خەتنى يازالمىدىڭىز، دەپ سورايدۇ» دېدى گۈلسۈمخان.
بىر كۈنى، يەسلىدە ئوقۇۋاتقان كىچىك قىزى گۈلسۈمخانغا: «ئاپا، مەن بالېت ئۇسسۇلىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، كەلگۈسىدە ئۇسسۇلچى بولىمەن» دېدى. گۈلسۈمخان قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قىزى ئۇنىڭدىن كىچىك ۋاقتىدا قانداق ئارزۇسى بارلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «مېنىڭ داشۆدە ئوقۇغۇم، يەنە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغۇم بار ئىدى» دېدى. «ئەمىسە نېمىشقا داشۆدە ئوقۇمىدىڭىز؟» قىزىنىڭ سەبىيلەرچە سورىغان سوئالىغا گۈلسۈمخان دەماللىققا جاۋاب بېرەلمەي قالدى، ئۇ ئەگىتىپ تۇرۇپ قىزىغا، ئائىلە شارائىتى يار بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تاماق ئېتىپ بولۇپ ئۆيگە كىرگىنىدە، قىزىنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى. «ئاپا، مەن سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىشىڭىزنى، كەلگۈسىدە بولسىمۇ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.» قىزىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ گۈلسۈمخان ئىختىيارسىز ياش تۆكتى.
«ئۇ ئىش ماڭا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلدى، مەن ئۆز ئىقتىدارىمنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان بىر ئىش قىلىمەن، بالامنى نائۈمىد قويمايمەن.» 2019 - يىلى 8 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، گۈلسۈمخان ئۆزى ئىجاد قىلغان ئون نەچچە پارچە شېئىرنى ئېلىپ «تۇرپان» ئەدەبىيات - سەنئەت ژۇرنىلى تەھرىراتىغا كەلدى، ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تۇرغۇن جالالىدىن ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ياخشى يېزىلغانلىقىنى ھېس قىلدى. «ئۇ ماڭا شېئىرلىرىنى كۆرسەتكەندە بەك خىجىل بولدى، مەن ئارىسىدىكى بىرنەچچە پارچە شېئىرنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى، گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە رىتىمىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدىم. ئۇنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆيدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. ئارقىدىن، مەن يەتتە - سەككىز پارچە شېئىرنى تاللاپ ئېلان قىلىپ بەردىم» دېدى تۇرغۇن ئەسلەپ.
شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گۈلسۈمخان ناھايىتى ئىلھاملىنىپ، دائىم ئۆزى ئىجاد قىلغان شېئىرلارنى تۇرغۇنغا ئەۋەتىپ تۇردى، تۇرغۇنمۇ ھەمىشە ۋاقتىدا كۆردى ھەم تۈزىتىش پىكرى بەردى. «ئۇ مېنىڭ مېھرىبان ئۇستازىم ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى يول باشچىم.» تۇرغۇننى تىلغا ئالغاندا، گۈلسۈمخاننىڭ سۆزلىرىدە مىننەتدارلىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
گۈلسۈمخان شۇنىڭدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا قەدەم قويدى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «تۇرپان» «تارىم» «تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، نەسىر ئېلان قىلدى.
تۇرغۇننىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، گۈلسۈمخان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇرپان شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولدى. 2023 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، گۈلسۈمخان لۇشۈن ئەدەبىيات شۆيۈەنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بويىچە يازغۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا تاللىنىپ، ئىككى ئاي ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلدى. «مېنىڭ داشۆدە ئوقۇش ئارزۇيۇم لۇشۈن ئەدەبىيات شۆيۈەنىدە ئەمەلگە ئاشتى، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش.» 50 ساۋاقداش ئىچىدە دوكتور، مۇھەررىر، مۇخبىر، ئىجادىيەتتە پىشقان يازغۇچىلار بار ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىجادىيەت تارىخىم ئەڭ قىسقا ئىدى، لېكىن مەن ئۆزۈمگە ئەڭ تىرىشچان ئوقۇغۇچى بولىمەن، دەپ ۋەدە بەردىم.» لۇشۈن ئەدەبىيات شۆيۈەنىدە، ساۋاقداشلار دائىم گۈلسۈمخاننىڭ پارتىدا بىر نېمىلەرنى يېزىپ ئولتۇرغان سىيماسىنى كۆرەتتى، بەزى ساۋاقداشلار ئۇنىڭ كۈنبويى نېمىلەرنى يازغانلىقىغا قىزىققاندا، ئۇ چاقچاق قىلىپ: «مەن <ئاننا كارېننا> ناملىق كىتابنى كۆچۈرۈپ چىقىمەن» دېدى.
«تونۇر ۋە ئۆرۈك شېخى»نى گۈلسۈمخان لۇشۈن ئەدەبىيات شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتقان چاغدا ئىجاد قىلغان، شۇنداقلا ئۇ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا يازغان ھازىرقى زامان شېئىرى ھېسابلىنىدۇ. «ھازىرقى زامان شېئىرى يېزىش ئارقىلىق، يېزىقچىلىقنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭلىكىنى، ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىنىمۇ شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.» تۇرپاندىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىككىلەنگەن ھالدا، ئۆزى يازغان 37 پارچە ھازىرقى زامان شېئىرىنى لۇشۈن ئەدەبىيات شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچىسى ياڭ بىۋېيغا ئەۋەتىپ بەردى. «ياڭ مۇئەللىم مېنىڭ شېئىرىمنى جۇڭگو شېئىرىيەت تورىغا تەۋسىيە قىلدى، يەنە مېنى يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى، بۇ ماڭا ناھايىتى ئىلھام بولدى» دېدى گۈلسۈمخان.
بۇ يىل «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى كۈنى گۈلسۈمخان ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ جۇڭگو شېئىرىيەت تورىنىڭ «كۈندىلىك ياخشى شېئىرلار» سەھىپىسىگە تاللانغانلىقى، يەنە ئۆزىنىڭ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدى. «مەن ھەم خۇشال بولدۇم ھەم جىددىيلەشتىم، ئىپادەمنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئەنسىرىدىم.» بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدىغان كۈنى، گۈلسۈمخان ئۆيىدىكى كۇتۇپخانىدا ئولتۇرۇپ، نەق مەيداندىكى شېئىرىيەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىككى ئەزىز مېھمان بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش قىلىپ، شېئىر ھەۋەسكارلىرىغا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇردى، كەڭ - كۇشادە سۆزلەپ، قىلچىمۇ ھودۇقمىدى. «مەن بىر دېھقان، شېئىر يېزىش مېنىڭ ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسىم. كۈندۈزى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىمەن، يەنە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىمەن، پەقەت كەچتە كىشىلەرنىڭ ئايىغى بېسىققاندا، ئاندىن شېئىر يېزىشقا ۋاقتىم چىقىدۇ، ئۇ مېنىڭ ئەڭ ئەركىن - ئازادە، ئەڭ خۇشال چاغلىرىم...»
«ئۇ لۇشۈن ئەدەبىيات شۆيۈەنىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدى، يېزىقچىلىق جەھەتتىمۇ زور ئىلگىرىلىدى، مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە بەك جىددىيلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم» دېدى تۇرغۇن.
شۇ كۈنى، گۈلسۈمخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆردى، ئەڭ خۇشال بولغىنى ئۇنىڭ بالىلىرى ئىدى. كىچىك قىزى ئاپىسىنىڭ شېئىرى ئېلان قىلىنغان ژۇرنالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئاپا، قاچان سىزنىڭ شېئىر توپلىمىڭىز چىقىدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «چوقۇم چىقىدۇ» دېدى.