شىنجاڭدىكى تۆت دەرىجىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىدىغان تۇنجى يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا سۇپىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

日期:2024年04月02日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئاقسۇ، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزى مۇلازىمەت تور نۇقتىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. ئۈچ ۋىۋىسكىنىڭ يوپۇقىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭدا ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىدىغان تۇنجى يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا سۇپىسىنىڭ بارلىققا كېلىپ، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە پۇختا قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ پېيىنى شىنجاڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىققا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىغا قاراشلىق شىنجاڭ يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى كونترول قىلىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىققا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇ، يەر، ئۇرۇق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مۇھىم ئامىللار كاپالىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزىنى ئالدىن سىناق قىلىپ، ئالدىن يولغا قويۇپ قۇرۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا سىستېمىسىنى تەدرىجىي تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئاساس تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزىگە جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، ئاقسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونىدىن يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، سانائەتلەشتۈرۈش ئىدىيەسى، كەسىپ زەنجىرى تەپەككۇرى ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلاپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋا قاتارلىق «بەش چوڭ توپ»نى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشقا كۈچەپ، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق «ئون چوڭ ھەرىكەت»نى چوڭقۇر يولغا قويدى. تۆت دەرىجىلىك بىر گەۋدىلەشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىدىغان يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا سۇپىسى قۇرۇش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش رولىنى ئوينايدۇ.

«ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ھەمكارلىقىدىكى دۆلەت كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز دىققەتنى سودا ۋە مۇلازىمەتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر بولۇش سودا پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنى سودا ۋە كەسىپتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە قوغدايمىز» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جوۋ لىنچېن.

كېيىنكى قەدەمدە، بۇ مەركەز شىنجاڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىققا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى مەھسۇلاتلىرى ۋە سېتىش يولى ئەۋزەللىكىگە، شۇنداقلا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھازىرقى يەر ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىش سانلىق مەلۇماتىغا تايىنىپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەمىنات - سودا كوپىراتىپىنىڭ 325 ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تور نۇقتىسى ۋە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئاقسۇ شۆبە بانكىسىنىڭ 31 بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتنى قاپلىغان يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىش يېڭى يولىنى كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى ئۇيقۇدىكى تېخىمۇ كۆپ مۈلۈكنى ئويغىتىپ، كەڭ يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىدۇ.