​چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن

日期:2024年03月25日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل ما يانەن:​

چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر بىزنى ناھايىتى روھلاندۇردى.» 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى مەركىزىنىڭ مەسئۇل مال دوختۇرى ما يانەن ئىككى يىغىن روھىدىن لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى، ئوبلاست بويىچە يېزا ئىگىلىكى - يېزا ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سىستېمىسىدىكى 130 نەپەر كادىر لېكسىيەنى ئاڭلىدى.

ما يانەن ئاددىي تىل بىلەن ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە كۆرگەنلىرى، ئاڭلىغانلىرى، ھېس قىلغانلىرىنى ھەمبەھرىلىدى. شۇ كۈندىكىسى ئۇ قانات يايدۇرغان 2 - مەيدان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئىككى يىغىن روھى «ئۇرۇق»ىنىڭ تارقاتقۇچىسى، «ئۇرۇق»نى ھەربىر ئاممىنىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈشى كېرەك.

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتكەندە ئاندىن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ ھەممىسى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ.

يېزا ئىگىلىكى - يېزا ساھەسىدىكى ۋەكىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ما يانەن يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلدى، شۇنداقلا زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، كەلگۈسىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلدى.

«چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى زىچ چۆرىدەپ، سۈتچىلىك كەسپىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۆش كالىسى، گۆش قويىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، چوشقا، ئۆي قۇشلىرى كەسپىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ئومۇمىي پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.» ما يانەن مۇنداق بىلدۈردى: بازىنى مۇقىملاشتۇرۇش، داڭلىق ماركا يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىرتقا سېتىشنى كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، سۈتچىلىك كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سانجى ئوبلاستىنى «ئالتۇن سۈت شەھىرى» قىلىپ بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۇتقا قىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىمەن.

ما يانەن بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش يۆنىلىشىنى مۇنداق پىلانلىدى: ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش «ئىشەنچ»ىمنى ئاشۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىمنى ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى ۋە ئۆز خىزمىتىدىكى يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە يېتىشتۈرىمەن؛ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى «يېقىن»لاشتۇرۇپ، كەسىپ ئالاھىدىلىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ، ساھە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاساسىي قاتلام، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، گۆش كالىسى، گۆش قويىنى كۆپەيتىش، مىقدارنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرىمەن؛ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى «شىجائەت»ىمنى ئۆستۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، توپلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ۋە تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئەستايىدىل يېزىپ، تەدبىر بەلگىلەش ئورگانلىرى بىلەن خەلق ئاممىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن. مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، تەۋسىيە - پىكىرلەرنىڭ قانۇنىي خاراكتېرى، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرى ۋە ئاممىۋى خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرىمەن.

«ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگە كۆپرەك چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەتراپىمدىكى ھەربىر كىچىك ئىشنى ياخشى قىلىپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمەن.» ما يانەن مۇنداق دېدى: ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

«ھەسسىلەپ روھلاندۇق، چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق.» لېكسىيەنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا ساھەسىدە قوللىنىلىشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى پۇختىلاپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، تىرىشىپ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى جانلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.