دوستلۇقىمىزغا 40 يىل بولدى، لېكىن مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ

日期:2024年03月25日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

«تۇڭ گۇيفېن بالىلارغا تولىمۇ ئامراق ئىدى، جۇۋاۋا تۈگكەندە ھەمىشە ئۇلار ئۈچۈن بىرنەچچە خىل قىيما تەييارلايتتى. ئۇ تەييارلىغان قىيما تولىمۇ تەملىك بولۇپ، يەنە تېخى مېنى جىلتىڭىز نېپىزمۇ ئەمەس، قېلىنمۇ ئەمەس، بەك ئۆلچەملىك ئاچىسىز دەپ ماختايتتى، شۇڭا جۇۋاۋا ئەتسەكلا، جىلتىسىنى تالىشىپ ئاچاتتىم...» ھەر قېتىم مۇشۇنداق قىزىقارلىق قۇرلارنى يازغاندا، بۇئايشىخان يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، تۇڭ گۇيفېنغا سىنلىق تېلېفون قىلىپ، بىرلىكتە ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى ئەسلەيدۇ.

ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇئايشىخان بۇ يىل 67 ياشتا بولۇپ، بالىلىرىغا ئەسلىمە قالدۇرۇش ئۈچۈن، 2022 - يىلىدىن باشلاپ ئەسلىمە يېزىشقا باشلىغانىدى. ئەسلىمىسىدە قايتا - قايتا تىلغا ئېلىنغان تۇڭ گۇيفېن ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك يېقىن دوستى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن كىشى.

«تۇڭ گۇيفېن ھەر ئىككىمىز ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەسى. بىز 1982 - يىلى كۆكتوقاي ناھىيەسىدە تونۇشقان. ئۇ چاغدا ئۇ بۇ جايغا يېڭىلا كەلگەن بولۇپ، مەن بىلەن مۇڭدىشىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئويلىمىغان يەردىن، 1984 - يىلى ئىككىمىز يەنە بىر ئىدارىگە تەقسىم قىلىندۇق.» 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بۇئايشىخان زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا، مېنى بۇ گۈزەل دەقىقىلەردىن بەھرىلەندۈردى. شۇ چاغدىن باشلاپ، ئىككىيلەن دائىم بىر - بىرىدىن ئايرىلمىدى، ئىككى ئائىلىمۇ يېقىن تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدى، بۈگۈنكى كۈندە، بۇ دوستلۇقنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 40 يىلدىن ئاشتى.

«بىز ياش چاغلىرىمىزدا، باشقا ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قىچا يېغىدا تاماق ئېتەتتى، لېكىن بىزنىڭ ئائىلىدە كۈنجۈت يېغى ئىشلىتەتتۇق. تۇڭ گۇيفېن ھەر قېتىم يۇرتى خېنەندىن قايتىپ كەلگەندە، يۈك - تاقلىرى ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ، ئىككى تۇڭ كۈنجۈت يېغى ئېلىپ كېلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇمايتتى» دېدى بۇئايشىخان. ئەلۋەتتە، شىنجاڭدىن يولغا چىققاندا، تۇڭ گۇيفېننىڭ چامادىنى بۇئايشىخان تەييارلىغان قۇرۇق مېۋىلەر بىلەن لىق تولاتتى.

«ئۇ چاغدا ئوغلۇم كەپسىز ئىدى، دائىم دەرستىن قاچىدىغان بولغاچقا، ئىزدەپ تاپقىلى بولمايتتى. دادىسىنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بولۇپ، بالىغا ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قوياتتى، مەن بالىنىڭ دەرستىن قاچقانلىقىنى دادىسىغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۆزۈم ھەممە يەردىن ئىزدەيتتىم.» بۇئايشىخان مۇنداق دېدى: «بۇ چاغدا تۇڭ گۇيفېن ئېرى دۇڭ جىشيەن بىلەن بىللە ماڭا ئىزدىشىپ بېرەتتى، بالىنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا دەرس تەكرارلاپ بېرەتتى ھەم داۋلى چۈشەندۈرەتتى. شۇ چاغدىن تارتىپ جاھىل ئوغلۇم ئۆزگىرىشكە باشلاپ، يەنە ئىش ئۇقىدىغان بولدى، ھازىر ھەربىي بولدى».

بۇ گۈزەل دەقىقىلەر بۇئايشىخاننىڭ ئەسلىمە خاتىرىسىگە يېزىلغان بولۇپ، ھەربىر كىچىك ئىشنىڭ ۋاقتى، ئورنى ئېنىق خاتىرىلەنگەنىدى. مەسىلەن، 1984 - يىلى قىشتا، ئۇنىڭ ئۆت خالتىسى ياللۇغى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قېلىپ جىددىي دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، ئېرى قىسىمدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بولغاچقا ئۆيىگە قايتالمىدى، تۇڭ گۇيفېن ئۇنىڭ ئۈچ بالىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. مەسىلەن، 1985 - يىلى يازدا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بۇئايشىخاننىڭ ئۆيىدە ئوپچە غىزالانغاندا، تۇڭ گۇيفېن ئۇنىڭ ئەتلەس كۆڭلىكىنى، دوپپىسىنى كىيىپ، ئىككىيلەن يېقىن تۇرۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. مەسىلەن، 1987 - يىلى ئېرى يۈسۈپ ئىسمائىلنىڭ خىزمىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان بۇئايشىخان تۇڭ گۇيفېننىڭ ئۆيىگە يۈگۈرۈپ بارغىنىچە، ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى، كۆپچىلىك بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەپ چۆچۈپ كەتتى...

«ياشىنىپ قالدىم، نۇرغۇن ئىش ئېسىمدە قالماپتۇ، لېكىن تۇڭ گۇيفېن ئىككىمىز ئارىسىدىكى چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى خۇددى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەكلا ئېنىق ئېسىمدە» دېدى بۇئايشىخان.

بۇئايشىخاننىڭ ئائىلىسى ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئىككى ئائىلىنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ھەر ھەپتىدە جەزمەن تېلېفون قىلىشاتتى، بالىلار قىشلىق، يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلسىلا، ئۇ چوقۇم كۆكتوقايغا قايتىپ يېقىن دوستى بىلەن كۆرۈشەتتى. «ئۇ يىللاردا ئالتۇن ئۈزۈك تاقاش بەك مودا بولغان، مەن تولىمۇ ياخشى كۆرسەممۇ، لېكىن ئىزچىل سېتىۋالمىغانىدىم. تۇڭ گۇيفېن خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ماڭا بىر ئالتۇن ئۈزۈك سوۋغا قىلدى، مەن ھەم خۇشال بولدۇم، ھەم ھاياجانلاندىم.» بۇئايشىخان مۇنداق دېدى: «1988 - يىلى قىشتا، مەن ھاياتىمدىكى تۇنجى ئالتۇن ئۈزۈككە ئېرىشتىم، ئۇنى ئەڭ يېقىن دوستۇم تۇڭ گۇيفېن ماڭا سوۋغا قىلدى، ئۇ ئۈزۈكنى ھازىرمۇ ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتىمەن».

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، بالىلار ئۆي - ئوچاقلىق بولدى، ئۇلارنىڭ رىشتى بارغانسېرى چىڭىدى. كېيىن، بۇئايشىخاننىڭ ئېرى مېڭە پارالىچ كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆيدە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا، تۇڭ گۇيفېن ئائىلىسىدىكىلەر دائىم كېلىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇردى. قىشتا، دۇڭ جىشيەن يۈسۈپكە ھەمراھ بولۇپ مۇڭدىشاتتى، تۇڭ گۇيفېن بۇئايشىخان بىلەن ئاشخانىدا تاماق ئېتەتتى؛ يازدا، كۆپچىلىك چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ، يۈسۈپكە ھەمراھ بولۇپ سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلەتتى.

2022 - يىلى، يۈسۈپ ئالەمدىن ئۆتتى، دۇڭ جىشيەن قاتتىق قايغۇرۇپ، «ئىلگىرى دوستۇم دائىم ماڭا ھەمراھ ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ كېتىپ قېلىپ كۆڭلۈم ئازابقا تولدى. بىز بۇ بىر ئەۋلاد قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتتۇق، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بۇنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن تەزىيەنامىنى يازدى. تۇڭ گۇيفېن بۇئايشىخانغا تېلېفون قىلىپ: «ئەنسىرىمەڭ، مەن يېنىڭىزدا سىزگە ھەمراھ بولىمەن، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىمىز» دېدى.

دەل مۇشۇ سۆز بۇئايشىخاننىڭ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولدى، يېقىن دوستى ۋە بالىلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن بۇئايشىخان قايغۇ - ھەسرەت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ دوۋيىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بىلەن شۇغۇللاندى، شۇنداقلا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ئۆزىنىڭ بۇ ھېكايىلىرىنى سۆزلىدى.

2024 - يىلى باھار بايرىمىدا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى يەنە جەم بولدى. «بۇ قېتىمقى جەم بولۇشنى بالىلار تەلەپ قىلغان.» بۇئايشىخان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىككى ئائىلىدىكى بالىلار يەنە دېھقانلار ئارامگاھىدا بىر مەيدان يىغىلىش ئۆتكۈزۈشنى بىزگە ئۇقتۇرماي مەسلىھەتلىشىپتۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە كونا سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بىرلىكتە ئائىلە بويىچە سۈرەتكە چۈشتۇق... بۇ دوستلۇق ياكى قېرىنداشلىق مېھرى خۇددى بىر خۇش پۇراق گۈلگە ئوخشاش، ئەتراپقا خۇش ھىد تاراتتى.

بۇئايشىخاننىڭ كىچىك نەۋرىسى چيەنرېن رەندو بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە قىسقا سىن ئىشلەپ توردا ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ تېمىسىنى «مومامنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى» دەپ قويدى. «سىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ياخشى كۆرىمەن» «كۆرۈپ كۆزلىرىم نەملەندى، بۇ خىل دوستلۇقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش ئۈلگىسى»، سىندىكى كىچىك ھېكايىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، تورداشلار بەس - بەستە سۆز قالدۇردى، نۇرغۇن كىشى يەنە ئىنكاس رايونىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بولغان ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى.

بۇئايشىخان ئەسلىمە خاتىرىسىگە «مېھىر - مۇھەببەت ھاراققا ئوخشايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ» دەپ يازدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە ئىككى ئاچا - سىڭىلنىڭ دوستلۇقىغا 40 يىلدىن ئاشقان، بۇ جەرياندىكى ھېكايىلەرنى بىر ئەسلىمە خاتىرىسىگىلا يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىكەن، «بىزنىڭ ھېكايىمىزنى يېزىشتا مەن ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ بۇ دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئەڭگۈشتەر بىلىپ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدىم».