تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

日期:2024年03月25日
来源:天山网
【字体:

​− ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر 19 ماددىلىق تەدبىرنى چۈشەندۈردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇا

پۇقراۋى ئىگىلىك جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئاساسى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر 19 ماددىلىق تەدبىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەدبىر» دېيىلدى)نى ئوتتۇرىغا قويدى. «تەدبىر» قايسى جەھەتلەردە سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، پۇقراۋى ئىگىلىككە ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن جىخۇي بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىلىدۇ

ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىش پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازار پائالىيىتىگە ئەركىن، ئادىل، ئۈنۈملۈك قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى.

پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، «تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، تىزىملىك سىرتىدا ئىجازەت شەرتى تەسىس قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، «چەكلەنمىگەن بولسىلا كىرگۈزۈش» يولغا قويۇلۇپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تىزىملىك سىرتىدىكى كەسىپ، ساھە، ئىشلارغا قانۇن بويىچە باراۋەر كىرىشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ. مەمۇرىي ئىجازەت مۇلازىمىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىجازەتنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە قولايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

«پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئۆزىنى قويۇۋېتىپ تەرەققىي قىلىشىدا، ئادىل رىقابەتلىشىش ئاچقۇچ.» چېن جىخۇي مۇنداق دېدى: ئادىل ئىجازەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايون سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلار، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ شۇ جايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىدە ئەنگە ئالدۇرۇشىنى قوللاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، بازار ئىجازىتىنى باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئادىل، ھەققانىي تەرەققىيات مۇھىتى ياراتتى.

«تەدبىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش خىزمەت مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش بويىچە پاش قىلىش، ئەرز قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، جاۋاب قايتۇرۇش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىپ ئۆلچەش قانات يايدۇرۇلۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىق، بازار ئايرىۋېتىش، بەلگىلەنگەن سودا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسالغۇ بولۇۋاتقان سىياسەتلەر ۋاقتىدا ئېنىقلىنىپ، بىكار قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچەيتىلىپ، مونوپول كېلىشىم تۈزۈش، بازارنىڭ يېتەكچى ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قىلمىشلىرى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، مەمۇرىي ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىپ رىقابەتلىشىشنى چەتكە قېقىش، چەكلەش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقى زورايتىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپى قوغدىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە مەمۇرىي ئۆلچەش ھوقۇقى ئۆلچەملىك تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، ئوخشاش تۈردىكى دېلوغا ئوخشاش بولمىغان جازا بېرىش، ھەددىدىن زىيادە جازالاش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئادىل، ھەققانىي، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىلىدۇ.

ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى چوڭقۇر يولغا قويۇلىدۇ

ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى پائال بەرپا قىلىش پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا. «تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىناۋەت ئارقىلىق تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بارلىق تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىناۋەت خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇردى. ئاپتونوم رايون بويىچە 480 مىڭ پۇقراۋى كارخانا، 1 مىليون 873 مىڭ 200 يەككە سودا - سانائەتچى ۋە 45 مىڭ 800 دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قارىتا دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ئېلىپ باردى، تۈرگە ئايرىش نەتىجىلىرىنى تەتبىقلاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

«تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغانلىق قىلمىشلىرىنى تۈزەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىناۋەت بويىچە چەكلەش - رىغبەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا بىرلىشىپ جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، شەرەپكە ئېرىشكەن كارخانىلار دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى(شىنجاڭ)دا بەلگە قويۇپ ئاشكارىلىنىپ، ئىناۋىتى ياخشى كارخانىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشۇرۇلىدۇ. ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىش كۆرۈنۈشلىرى كېڭەيتىلىپ، تارماقلار ھەمكارلىقى، ھۆكۈمەت بىلەن بانكا ھەمكارلىقى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىناۋىتى ياخشى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشى تىرەككە ئىگە قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىناۋەت ۋەدىسى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىپ، ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى قايتا تىكلىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ. ھەم «تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن قىلىش قۇرۇلۇشى يېتەكچىسى(كۆرسەتمىسى)»نى تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرى قانۇنغا رىئايە قىلىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.

«پەرقلىق بولغان، تۈجۈپىلىك بولغان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا سەمىمىي تىجارەتچىلەرگە قارىتا زۆرۈرىيەت بولمىسا ئارىلاشماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا قارىتا ھېچقانداق يوچۇق قويماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجاد قىلىش كۈچى تولۇق ئۇرغۇتۇلىدۇ» دېدى چېن جىخۇي.

سۈپەت ئارقىلىق كارخانىلارنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ

پۇقراۋى ئىگىلىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئاساسى. قانداق قىلغاندا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟

«تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار خەلقئارا، دۆلەت، ساھە ۋە يەرلىكنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشقا، تۈرلۈك ئۆلچەم تۈزۈش - ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە قاتنىشىشقا يېتەكلىنىپ، ئۆلچەمدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھامدۇرۇلۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى بىلەن ئۆلچەمنىڭ تېز ئايلىنىشى، بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ. «ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سۈپەت ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنجاڭ سۈپىتى» رايون ئاممىۋى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇقراۋى كارخانىلار «شىنجاڭ سۈپىتى» رايون ئاممىۋى داڭلىق ماركا ئېتىراپىغا ئىلتىماس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، داڭلىق ماركا ئېففېكتى ۋە بازار رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ. تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەخسۇس بەلگىسىگە ئىلتىماس قىلىشى ۋە ئۆلچەملىك ئىشلىتىشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىنىپ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

«تەدبىر»دە يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشىنى قوغداش سالمىقى زورايتىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشنى تېز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ؛ يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىقلارنى رەنىگە قويۇش كەسپى كېڭەيتىلىپ، كارخانىلارنىڭ شەكىلسىز مۈلۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇلىدۇ.

چېن جىخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان 19 ماددىلىق تەدبىرنىڭ ياخشى مەشغۇلات قىلىنىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، سودىگەرلەرگە مايىللىشىدىغان، سودىنى سۆيىدىغان، سودىگەرلەرنى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى كۆزلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلەش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.