​مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2024年03月26日
来源:天山网
【字体:

2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى​

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ لېيخەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا بۇلتۇرقى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق نىزام چىقىرىش خىزمەت ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قانۇنچىللىق كۈچىنى قوشۇش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىڭ كۆزلەپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن نىزام چىقىرىش خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەش يىللىق نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ چىقىپ ۋە يولغا قويۇپ، يىللىق نىزام چىقىرىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئارقىلىق نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئارقىلىق نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ئۆلچەپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىش كېرەك. يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەردىكى ئاجىز ھالقىلارغا چىڭ قادىلىپ، نىزام چىقىرىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە جەزمەن مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىپ قوغداشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ يولغا قويۇش خاراكتېرلىك، تولۇقلاش خاراكتېرلىك، ئىزدىنىش خاراكتېرلىك فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش تەدبىرىنىڭ ئىسلاھات تەدبىرى بىلەن بىردەك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا، بولۇپمۇ تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈرتكە بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىك ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نىزامنى تەستىقلاشقا يوللاش ۋە ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نىزام چىقىرىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇ يىللىق نىزام چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرى، نىزام چىقىرىش تەتقىقاتى بويىچە مەسلىھەت بېرىش بازىلىرىغا ۋىۋىسكا ئېسىلدى، نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرىگە تەكلىپنامە تارقىتىلدى. نىزام چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بۇ يىللىق نىزامنى تەستىقلاشقا يوللاش خىزمەت پىلانى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.