شىنجاڭ تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ

日期:2024年03月26日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، باھار كېلىپ گۈل - چېچەكلەر ئېچىلىپ، ساياھەت بازىرى جانلانغان، ئاممىنىڭ خاسلاشقان ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىدىكەن.

بۇ يىل مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئاساسلىقى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، مۇلازىمەت رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، تاشيول لىنىيەسى بويىدىكى توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىرتتىكى دەم ئېلىش رايونلىرىنىڭ ئادىمىيلەشكەن ئەسلىھە سەپلىمىسىنى كۈچەيتىش، «ئوخشاش بىر شەھەردە ئوخشاش بىر باھا» مەخسۇس رايونىدىكى تاۋار تۈرلىرىنى بېيىتىش، «مۇلازىمەت رايونى + يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر ۋە ئانا - بالىلار ئۆيى قاتارلىق ئادىمىيلەشكەن مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، «خاسلىق + مەززىلىك تائاملار» يېمەك - ئىچمەك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنى كىر يۇيۇش، مۇنچا بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

«تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرى جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك، مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەندە، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، خاسلاشقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر، قولاي، راھەت سەپەرگە چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۇ جىفېڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. لېكىن قىسمەن يول بۆلەكلىرىدىكى مۇلازىمەت رايونلىرىدا مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنمەسلىك، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىش، يول ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى چوڭقۇر بولماسلىق، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، «قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.

سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرىدا ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش سىستېمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىپ، ئاممىنى مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى باھالاشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قايتما ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەسپىي كوللېكتىپ تەشكىللەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ۋە قايتما ئىنكاس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى بېجىرىش نىسبىتى، قايتما ئىنكاس نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«مۇلازىمەت قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە مۇلازىمەت ئېڭى، يۇمشاق دېتال سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ مۇكەممەل، سەمىمىي، ئىنچىكە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك» دېدى گۇ جىفېڭ.

2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 228 مىڭ 700 كىلومېتىرغا، تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرى (ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى) 141 جۈپ(جاي)كە يەتتى.