​تولۇق غەيرەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

日期:2024年03月26日
来源:天山网
【字体:

ئەزا ليۇ ۋېي:

​تولۇق غەيرەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

«مەن ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم» «ئىشەنچىم ۋە ئىش قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈم ئاشتى.» يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ ۋېي مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىدىن لېكسىيە سۆزلەپ، ئۆز تەسىراتىنى ھەمبەھرىلەش بىلەن بىللە، يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلارغا ئىلھام بەردى.

بۇلتۇر، دۆلىتىمىز پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار ياخشى سىياسەت، ياخشى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر ھەم يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار ئىجازىتى، مۇھىم ئامىلغا ئېرىشىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ھەل قىلدى.

«بۇ بىر قاتار بىرىكمە مۇشت تەدبىرلىرىدىن مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇش، قانۇنچىل تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى ھېس قىلدىم.» ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىپ، كارخانىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ھەم پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا كارخانىچىلارغا مىسلىسىز ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە ھۆرمەت قىلغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بۇ، مۇقەررەر ھالدا مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىنى بازارغا ئاتلىنىپ، كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاتساقلا، چوقۇم قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا، ئۇزاققىچە مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولالايمىز. سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، نەق مەيداندىكى كارخانىچىلار بەس - بەستە باش لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن، ليۇ ۋېي ئۆزىنىڭ تونۇشىدا يەنىمۇ يۈكسىلىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدى، لېكسىيە سۆزلىگەندە ئۇ يېڭى تەپەككۇرىنى ئورتاقلاشتى: مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا، مىللەتلەر رايونىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېزدىن پۈتۈن مەملىكەت چوڭ بازىرىغا سىڭىشىشىنى، شەرقىي - غەربىي قىسىمنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، غەربىي قىسىمنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى «كىچىك چىشلىق چاق»نى شەرقىي قىسىمنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى «چوڭ چىشلىق چاق»قا گىرەلەشتۈرۈپ، شەرقىي قىسىمنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق غەربىي قىسىمنىڭ ھالقىما، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىش، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلدىم.

«دۆلەت پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچى ۋە جاسارىتىنى ئاشۇردى.» ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ، «سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى»، شۇنداقلا «يىغىلىش سىگنالى» بولۇپ، بىزنى نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، بىرلىكتە شانلىق نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.