بۇ ھەپتە تېمپېراتۇرا ئالدى بىلەن ئۆرلەپ، ئاندىن تۆۋەنلەيدۇ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20℃قا ئۆرلەيدۇ

日期:2024年03月26日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتە (3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە)نىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇسقائۆرلەيدىكەن. ھەپتە ئاخىرىدا شىنجاڭ بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 5~8سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن.

ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ 10~20سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن؛ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 27-كۈنى كېچىگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدىن داۋانچېڭغىچە بولغانجايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 9 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەلگۈسى 7 كۈندىكى ھاۋا رايى ئەھۋالى.

سۈرەت جۇڭگو مېتېئورولوگىيە تورىدىن ئېلىندى

3-ئاينىڭ 30-كۈنى كۈندۈزدىن 31-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتى، كۇئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر ياغىدىكەن ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، قارغا ئۆزگىرىدىكەن (ئېگىز تاغ رايونلىرىدا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى ھەمدە شىمالىي يانباغرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 5~8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەەنلەيدىكەن؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن رايونلار ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 12~11 بال بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: بۇ ھەپتە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەش كەلتۈرۈپ چىقارغان قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈن سۈيىدىن ھەمدە ئالتاي تاغلىق رايونىنىڭ قىسمەن جايىدىكى قار كۆچكۈنىدىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، قار-يامغۇر، قۇم-بوران ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتەك ھاۋارايى ھادىسىلىرى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، يول قاتنىشى، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى، ساياھەت قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى