شىنجاڭدىكى نۇرغۇن تاشيول تۈرى قۇرۇلۇشىدا «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى

日期:2024年03月26日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 3-ئايدا باھار كېلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى نۇرغۇن تاشيول تۈرىدە قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، قۇرۇلۇشچىلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېزدىن «ئىلگىرىلەش مارشى»نى ياڭراتتى.

3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىشچىلار ماشىنىدا مەشغۇلات قىلىپS231 لىنىيەسىدىكى ۋۇجياچۈدىن سانجىغىچە بولغان تاشيولنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى نەق مەيدانىدا كونا كۆۋرۈكنى بۇزۇپ تاشلاش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ليۇ خۇا فوتوسى

3-ئاينىڭ 19-كۈنى، S231 لىنىيەسى ۋۇجياچۈدىن سانجىغىچە بولغان تاشيولنى كېڭەيتىپ قۇرۇشتۈرى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار ماشىنىدامەشغۇلات قىلىشئارقىلىق كونا كۆۋرۈكنى بۇزۇپ تاشلىدى.

​بۇ تۈر سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرى شالياڭزى كەنتى بىلەن S102 لىنىيەسىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدىن باشلىنىپ، كونا يول S231 لىنىيەسى بىلەن ئېلېكتىر ئىستانسىسى يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدا ئاخىرلىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر بولۇپ، تەخمىنەن 336 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، پۈتۈن لىنىيەدە 1-دەرىجىلىك تاشيول لايىھەسىئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولى بار. بۇ تۈر قۇرۇلۇشى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتكەندىن كېيىن، سانجى شەھىرىدىن ۋۇجياچۈ شەھىرىگىچە بولغان 40 مىنۇتلۇق يول 20 مىنۇتقا قىسقىرايدۇ.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىشچىلار G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن G575 تاشيولىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈك يېنىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى، G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن G575 تاشيولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدا، ئىشچىلار ئالدىراش قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ھازىر، G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلانغان، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

  G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشتۈرىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى شىڭشىڭشيادىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكى ۋە قومۇلدىن تۇيۇققىچە بولغان بۆلىكىگە ئايرىلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 537.245 كىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن لىنىيە قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولىلىق يېپىق شەكىلدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆلچىمى بويىچە ئۆزگەرتىپ ياسالدى، سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەندى.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر كۇچا-شايار تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ 1-توختام بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا يول ئۇلىنى تىندۇرماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

تۇرسۇن توختى فوتوسى

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۇچا-شايار تاشيول قۇرۇلۇشى 1-توختام بۆلىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر يول ئۇلىنى تىندۇرۇپ، توپا قازماقتا.

  يېقىندا، G217 لىنىيەسىنىڭ كۇچا-شايار تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ھەرقايسى توختام بۆلەكلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلاندى. بۇ تاشيول تۈرىگە 3 مىليارد 502 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 2025-يىلى 6-ئايدا تاماملاش پىلانلاندى.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر كۇچا-شايار تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ 1-توختام بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا توپا قازماقتا (تىزگنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

تۇرسۇن توختى فوتوسى