​شىنجاڭ مۇزېيى يىللىق ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

日期:2024年03月25日
来源:天山网
【字体:

7 - نۆۋەتلىك ئالتۇن چىراغ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىندى​

شىنجاڭ مۇزېيى يىللىق ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مېينىڭ شىنجاڭ مۇزېيىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، 7 - نۆۋەتلىك ئالتۇن چىراغ مۇكاپاتىنى تارقىتىش كاتتا مۇراسىمى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ «شىنجاڭنى قوغدايلى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بۇ نۆۋەتلىك ئالتۇن چىراغ مۇكاپاتى بويىچە يىللىق ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گۇەن يى مۇنداق تونۇشتۇردى: «شىنجاڭنى قوغدايلى» شىنجاڭ مۇزېيى 2023 - يىلى 8 - ئايدا ئوتتۇرىغا چىقارغان يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى. بۇ يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى ئاساسلىقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۆت داڭلىق تارىخىي شەخس بەن چاۋ، جاڭ چيەن، گېڭ گۇڭ، جېڭ جى ھەمدە «فۇشى نۈۋانىڭ شايى رەسىمى» «قەبرىنى ساقلىغۇچى ھايۋان» «يولۋاس قاپارتمىلىق يۇمىلاق ئالتۇن مېدال» قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىي تىپ قىلىپ ئىجاد قىلىنغان.

«بىزنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۆت داڭلىق شەخسنى ئىجادىيەت IPسى قىلىشىمىز ئاساسلىقى قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇ تۇپراقتا ياشاپ كەلگەن كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. بىز بۇ يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق، <قوغداش>تىن ئىبارەت بۇ بۇرچنى يەتكۈزۈپ، تۆت ئەزىمەتنىڭ روھىغا ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن ئېقىنىدا ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» گۇەن يى مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنى قوغدايلى»دا جەمئىي 100 خىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، بۇلار يېكەن يەلپۈگۈچ، كاناپ سومكا، U شەكىللىك ياستۇق، چاچ قىسقۇچ، توڭلاتقۇ چاپلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئالتۇن چىراغ مۇكاپاتى ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان سودا پىلانى بويىچە بېزەش - كۆرگەزمە قىلىش مۇكاپاتى تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭ مۇزېيى ئۇدا ئۈچ يىل ئالتۇن چىراغ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرايلى − 24 مەۋسۇم ئىجادىيەت لايىھەسى»، شىنجاڭ مۇزېيى شەنشەن ئاۋتېلەيسى مەيدانى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «شەنخەي جۇڭگو يىلى <جۇڭگو ئەنئەنىۋى باھار بايرىمى مەدەنىيىتىنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش> يۈرۈشلۈك پائالىيىتى» 2022 - يىللىق، 2023 - يىللىق ئالتۇن چىراغ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.