ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن، پىراكتىكانت ياڭ يەنيۈ) 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىل 2-ئايدىكى پوچتا كەسپىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، شىنجاڭدا ئورۇندالغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 57 مىليون 132 مىڭ 400 پارچە بولغان، كەسىپ كىرىمى 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 1 مىليارد 119 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %43.71، %33.71 ئاشقان.
دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، شەھەرلەر ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى 5- ئورۇندا، كەسىپ كىرىمىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى 3-ئورۇندا تۇرغان.
2-ئاينىڭ 14-كۈنى، كورلا شەھىرى شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ تېز يەتكۈزگۈچىسى گۈللەرنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
دى يەنخاۋ فوتوسى