ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن خۇديېلەننى «چوڭ كەسىپ» قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى

日期:2024年03月21日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، سانجى دۆلەتيېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدىكى خۇديېلەن كۆرگەزمە سارىيىدا، ھەر خىل رەڭدىكى 100 مىڭ تۈپخۇديېلەنئېچىلىشئالدىدا تۇراتتى، بەزىلىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. كۆرگەزمە سارىيىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شىڭۋاڭ سودىگەرلەرنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ، مال تارقىتىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، ۋاڭ شىڭۋاڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ خۇديېلەن ساتماقتا. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

2013-يىلى، ۋاڭ شىڭۋاڭ ئاكىسى ۋاڭ شىڭيۈ بىلەن شېرىكلىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ، شىنجاڭ بويىچە تۈرى ئەڭ كۆپ، ئەڭ چوڭ خۇديېلەن كۆرگەزمە سارىيى بەرپا قىلماقچى بولدى. ئەينى چاغدا ھەر قايسى جايلاردىكى گۈل-گىياھ بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان خۇديېلەننىڭ كۆپىنچىسى گۇاڭدۇڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن كىرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، توشۇش ھەققى، خوراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خۇديېلەننىڭ باھاسى يۇقىرى ھەم چېچەكلەش مەزگىلى قىسقا بولاتتى.

ۋاڭ شىڭۋاڭ پىراكتىكا قىلغىلى كەلگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا خۇديېلەننى پەرۋىش قىلىش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە. لياڭ خوڭتاۋ فوتوسى

ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكىسى ئارقىلىق گۈل مايسىسى كىرگۈزۈپ شىنجاڭدا يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى، كۆندۈرۈلگەندىن كېيىنكى گۈل مايسىلىرى شۇ جاينىڭ سۇ، تۇپراق مۇھىتىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇنلاشتى، چېچەكلەش مەزگىلى ئۇزۇن، ئاسان ئەي بولدى ھەمدە سېتىش، توشۇش تەننەرخى تۆۋەنلىدى.

كېپىنەكسىمان ئورخىدىيە كۆرگەزمە سارىيىدىكى خۇديېلەن سورتى دەسلەپكى ئون نەچچە خىلدىن ھازىرقى 300 نەچچە خىلغا كۆپەيدى.

لياڭ خوڭتاۋ فوتوسى

رەڭگى چىرايلىق خۇديېلەن. لياڭ خوڭتاۋ فوتوسى

«ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق خۇديېلەننى كۆلەملەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈل-گىياھ بازىرىنى دائىم پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن»دېدى ۋاڭ شىڭۋاڭ.

(سانجى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن يىن شۆجۈەن)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى