تېمپېراتۇرا ئۆرلىدى، شىنجاڭ تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرىگە پەسىل قۇشلىرى «ئۆمەك تەشكىللەپ» كەلدى

日期:2024年03月21日
来源:天山网
【字体:


يېقىندا، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ كۇچادىكى دەريا-كۆللەرنىڭ يۈزىدىكى مۇزلارئېرىدى، بارغانسېرىكۆپ پەسىل قۇشلىرى تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرىگە كېلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىناق مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

شىنجاڭ كۇچا شەھىرى تارىم بازىرى ئاچال كەنتى ئەتراپىدىكى بايىز كۆلى زور تۈركۈمدىكى ئاق قۇ، ئاق تۇرنا، قىزىل تۇمشۇق چايكا، قوشماق ئۆردەك قاتارلىق پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرىدىكى زۇمرەتتەك دولقۇنلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ، ئويناپ، كۇچاغا قويۇق باھار تۈسىنى ئېلىپ كېلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنى بۇ يەرگە كېلىپ مەنزىرە تاماشاسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كۇچا شەھىرى تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش، تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نۇرغۇن قۇشلارنى بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.(باش ئىستانسا مۇخبىرلىرى ليۇ فېي، ليۇ يىشۇەن، ۋاڭ جېن)

مەنبە:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى