شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى سۈيى سۈپىتى دۆلەتنىڭ باھالىشىدا ئەلا دەرىجىگە ئېرىشتى

日期:2024年03月20日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، دۆلەتنىڭ باھالىشىغا كىرگۈزۈلگەن يەر ئۈستى سۈيى كەسمە يۈزىنىڭ سۇ سۈپىتى ئەلا بولۇش نىسبىتى %95.9 بولۇپ، دۆلەت بېكىتكەن سۇ سۈپىتى نىشان - ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، سۇ مۇھىتى سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەلا بولغان.

2023 - يىلى، شىنجاڭ نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۇ مىقدارى(ئېقىم مىقدارى)غا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، 15 نۇقتىلىق دەريا - ئېقىنى ۋە بەش نۇقتىلىق كۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۇ مىقدارى(ئېقىم مىقدارى، سۇ ئورنى)نى بېكىتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە سۇ سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىتىدىن 42سى قۇرۇلۇپ، دۆلەت تىزىملىكىدىكى 21 دەريا - ئېقىنى، ئالتە كۆلدىكى دەرياغا (كۆلگە) بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزلىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش تاماملىنىپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈلگەن دەريا - ئېقىنى قىرغاق لىنىيەسى 9362.62 كىلومېتىر، كۆل قىرغاق لىنىيەسى 1210.841 كىلومېتىر بولۇپ، دەريا(كۆل)غا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزىدىن 30ى بىرمۇبىر تەكشۈرۈلدى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مۇھىتى سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى.

مەملىكەت بويىچە 300دىن ئارتۇق شەھەر قاتناشقان دۆلەتنىڭ يەر ئۈستى سۈيىنى باھالاپ تەكشۈرۈش كەسمە يۈز سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئەھۋالى رەت تەرتىپىدە شىنجاڭدىكى تۆت ئوبلاست (شەھەر) مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 30 ئورۇن قاتارىغا كىردى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 6 - ئورۇندا، تۇرپان شەھىرى 7 - ئورۇندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 12 - ئورۇندا، ئۈرۈمچى شەھىرى 29 - ئورۇندا تۇردى.

بۇ يىل، ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى 2573 دەريا - كۆلنى گۈزەل دەريا - كۆل قۇرۇلۇشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى بېكىتتى، شىنجاڭ (ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى جەمئىي 52 دەريا ئېقىنى، يەتتە كۆل بېكىتىلگەن گۈزەل دەريا - كۆل قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

گۈزەل دەريا - كۆل قۇرۇلۇشىدا «گۈزەل بولۇش»تىن ئىبارەت يادرولۇق يۆنىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، «دەريا - كۆل بار بولۇش، بېلىق، ئوت - چۆپ بار بولۇش، ئادەم بىلەن سۇ ئىناق ئۆتۈش» قاتارلىق ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلاش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىش، سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىز گۈزەل دەريا - كۆللەرنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى تەلەپ بويىچە باسقۇچقا بۆلۈپ، پەلەمپەيسىمان ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. 2023 - يىلى، سايرام كۆلى مەملىكەت بويىچە 2 - تۈركۈمدىكى گۈزەل دەريا - كۆل مۇنەۋۋەر مىسالى بولۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى دەريا - كۆللەرنىڭ تۇنجى قېتىم تاللىنىشى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى 3 - تۈركۈمدىكى گۈزەل دەريا - كۆل مۇنەۋۋەر مىسالى بولۇشنى پائال ئىلتىماس قىلىشقا تەشكىللەۋاتىدۇ.