قۇربانتاي تۇرسۇن: پامىر ئېگىزلىكىدىكى «يېڭى ئۆي ھېكايىسى»نى رەسىم قەلىمى ئارقىلىق بايان قىلىمەن

日期:2024年03月20日
来源:天山网
【字体:


سىن مەزمۇنى:

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى

قۇربانتاي تۇرسۇن

پامىر ئېگىزلىكىدىكى «يېڭى ئۆي ھېكايىسى»نى رەسىم قەلىمى ئارقىلىق بايان قىلىمەن

رەڭ ياخشى ماسلاشتۇرۇلۇپتۇ، ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، توغرا، ئۇنىڭ بەدىئىي تۈزۈلۈشىمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ

قۇربانتاي تۇرسۇن

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى گۈزەل-سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى

2016-يىلى مەن مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشتىم

2016-يىلى قۇربانتاي تۇرسۇن قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاغارما يېزىسى بەشقورغان كەنتىگە بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشتى

«تاللا بازىرى»دىن بىرنى ياسىدىم، كىچىك بالىلار بۇ يەردە سېتىش، سېتىۋېلىش ئارقىلىق ھېسابلاشنى ئۆگىنىدۇ، دەرىزىدىنتاشقى دۇنيانى كۆرەلەيدۇ، (ماي بوياق رەسىم)نى ئۆزۈم سىزغان. مائارىپقا ياردەم بەرگەن بۇ كۈنلەردە كەڭ كۆلەمدەسىزىش ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندىم، مەن ھەقىقىي شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردىم، ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىتىم بىلەن، ئىجادىيىتىم ئارقىلىق شۇ جاينىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشۇمنى ئىپادىلىدىم، مېنىڭ ئىككى ئەسىرىم(ماي بوياق ئەسەر) دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى.

2018-يىلى مەن سىزغان «مائارىپ تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ» ماي بوياق ئەسىرىمدە بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا ئىنتىلىشى، ئارزۇغا يېتىش جەريانىنى ئىپادىلىدىم.

مېنىڭ ماي بوياق ئەسىرىم «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى پامىر—يېڭى ئۆي ھېكايىسى» پامىر ئېگىزلىكىدىكى تۇرمۇش كۆرۈنۈشىدىن كەلگەن، باش تېمىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگىنى يېڭى دەۋر ئېلىپ كەلگەن يېڭى تۇرمۇش، يېڭى ئۆزگىرىشتىكى بەختلىك تۇرمۇش بولۇپ، ماي بوياق رەسىمدە بىر توپ ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى، ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى ئامما ئەمدىلا سىزىپ بولۇنغان ماي بوياقئەسىرىنى چۆرىدەپ كۆرۈۋاتاتتى.

مەن بۇ بىر گۇرۇپپا ئەسىرىمنىڭ ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن بۇنىڭغا ھېسسىياتىمنى ۋە شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان تىلىكىمنى يۇغۇردۇم. مەنمۇ شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن، كەلگۈسىدە مەن يەنە يېڭى دەۋردىكى ئۆزگىرىش، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلىدىغان گۈزەل يۆگىمە رەسىملەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىجاد قىلىمەن.

3-ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى گۈزەل-سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قۇربانتاي تۇرسۇن ئىجاد قىلغان «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى پامىر — يېڭى ئۆي ھېكايىسى» ناملىق ماي بوياق رەسىم 2024-يىللىق دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭگۈزەل-سەنئەت ئىجادىيەتياردەمتۈرىگە تاللاندى. بۇ ئەسەر رەسسامنىڭ تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆزگىچە نەزەر بىلەن ئىجاد قىلغان ئەسىرى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

2016-يىلى، قۇربانتاي تۇرسۇن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاغارما يېزىسى بەشقورغان كەنتىگە بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشتى، بۇ ئۇنىڭغا مول تۇرمۇش تەسىراتى ۋە ئىجادىيەت بۇلىقى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئىجاد قىلغان «مائارىپ تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ» «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى پامىريېڭى ئۆي ھېكايىسى» ناملىق ماي بوياق رەسىم دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. بۇ ئەسەرلەردە دەۋر خاراكتېرى، بەدىئىيلىك، يېڭىلىق يارىتىشچانلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتىكى نادىرئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

سېنارىست ۋە رېژىسسور: ۋاڭ خۇەن

ئوپېراتور/كىرىشتۈرگۈچى: جانات تولقىن

نازارەتچى : ماۋ مىڭدۇڭ ۋاڭ چىمىڭ