قار-يامغۇر ياغىدۇ! شىنجاڭدىكى بۇ جايلاردا قېلىن قار ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ

日期:2024年03月20日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 19-كۈنى

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە

3-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىگىچە

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىككى قېتىم كۆرۈنەرلىك قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن

ئىككى قېتىملىق ھاۋارايى ئۆزگىرىشى جەريانىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قېلىن قار ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ، قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق قېلىن قار ياغىدۇ. تاغلىق رايونلاردا ياغقان قارنىڭ ئومۇمىيمىقدارى 20 مىللىمېتىردىن 55 مىللىمېتىرغا، يېڭىدىن كۆپەيگەن يىغىندى قارنىڭ قېلىنلىقى 30 مىللىمېتىردىن 65 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ.

3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن سائەت 20دىن 3-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 8گىچە بولغان شىنجاڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات خەرىتىسى.

مەنبە: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

بۇنىڭ ئىچىدە

تاغلىق رايونلاردا قاتتىق قار ياغىدىغان ۋاقىت بۆلىكى:

ئىلى ئوبلاستىدا 3-ئاينىڭ 20-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ21-كۈنى كېچىگىچە

بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا

3-ئاينىڭ 20-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈندۈزگىچە

كۈچلۈك ھۆل-يېغىن كۆرۈلىدىغان ۋاقىت بۆلىكى:

ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا

3-ئاينىڭ 22-كۈنىكۈندۈزدىن كېچىگىچە

بۇنىڭدىن باشقا

3-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈندۈزدىن 3-ئاينىڭ 23-كۈنى كۈندۈزگىچە

شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى،شىمالىي قىسمى، تۇرپان شەھىرى

قومۇل شەھىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا

ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ

شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ

جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا

ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە

3-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ

تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ كېيىن قارغا ئايلىنىدۇ

شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن 2 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ

3-ئاينىڭ 23-كۈنى كۈندۈزدە

شەھەر رايونىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايوندا ئازراق قار ياغىدۇ

شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 2 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆل سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا بىرلىكتە قاراپ باقايلى

3-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىدە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان جايلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىقجايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 4 بالدىن 5 بالغىچەقىيپاش شەرق شامىلى چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نوقاي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا 8 بال ئەتراپىدا بوران چىقتى. 3-ئاينىڭ 19-كۈنىكېچىدىن ئەتىسى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ كېيىن قارغا ئايلىنىدۇ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن رايونلاردا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭباشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

3-ئاينىڭ 20-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ كېيىنقارغا ئايلىنىدۇ، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكىتاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھالياكى قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانقىسمەن رايونلار ۋە تۇرپان شەھىرىدە بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ.جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭباشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كۈندۈزگىچە،شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدائازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ كېيىنقارغا ئايلىنىدۇ، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن جايلارۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىنئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدائوتتۇراھالياكى قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدۇ.يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغانقىسمەن رايونلار ۋە تۇرپان شەھىرىدەبەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ،شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ.جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.پۈتۈن شىنجاڭنىڭباشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەسكەرتمىسى

بۇ قېتىمقى قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايىدا، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، تاغلىق رايوندىكى قىسمەن جايلاردا ئارىلاشما كەلكۈن كېلىش ئېھتىماللىقى بار؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالتاي تاغلىق رايونىدىكى قىسمەن جايلاردا قار كۆچۈش خەۋپ-خەتىرىبىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئالدىن ئىشلىشى، مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بۇنىڭدىن باشقا، شىمالىي شىنجاڭدا قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى سەۋەبىدىن يوللار تېيىلغاق بولۇپ، قىسمەن يول يۈزىنى مۇز تۇتۇپ، شامال ئېغىزلىرىدا بورانكۈچىيىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، كۆرۈش دەرىجىسى ناچارلىشىپ، قاتناش-تىرانسپورت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى، ئېلېكتىر كۈچى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە قاتناش-تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش، قار تازىلاش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قوتانلارنى پۇختىلاش، تېمپېراتۇرىنى كۆتۈرۈپ ئىسسىقساقلاش، توك يولى ۋە يورۇقلۇق ۋولت ئەسلىھەلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى