ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ كەلگۈسىنى يارىتىمىز

日期:2024年03月16日
来源:天山网
【字体:

− ۋەكىللەر، ئەزالار شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، مېھرىگۈل غوپۇر

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلىشى بىلەنلا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆتۈرەڭگۈ روھ، كۈچلۈك ھاياجان بىلەن بۇرچ ۋە ۋەزىپىلەرنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئاتلاندى.

بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. ۋەكىللەر، ئەزالار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى سىياسەت، ياخشى خەۋەرلەرنى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلار، ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ كەلگۈسىنى يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى ئىجلىن مودۇن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ ۋېنشيۇ جىڭ ناھىيەسىنىڭ تەشۋىقات سىستېمىسىدىكى كادىرلارغا بىر مەيدان ئېسىل لېكسىيە سۆزلىدى.

ۋۇ ۋېنشيۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك تەشۋىق قىلدى. لېكسىيە دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى مول، باش - ئايىغى ئېنىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەم نەزەرىيە چوڭقۇرلۇقىغا، ھەم ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەسىراتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كەچۈرمىشىنى ھەمبەھرىلىدى.

«ئەتە ئەتىگەندىلا، مەن يەنە ئىككى مەيدان لېكسىيە سۆزلەيمەن، بىر مەيدان لېكسىيەنى كەنت ئاھالە كومىتېتىدا، يەنە بىر مەيدان لېكسىيەنى ئالقات ئېتىزىدا سۆزلەيمەن.» ۋۇ ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى نۇرغۇن تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار پۇقرالار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، جەزمەن ئىككى يىغىننىڭ روھىنى بىرىنچى ۋاقىتتا كۆپچىلىككە يەتكۈزىمەن.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «مىڭ كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنت تۈزەش» قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، تەرتىپ بويىچە پەيدىنپەي ئىلگىرىلەپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

ۋۇ ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىپلا قالماي، يەنە كونكرېت ئۇسۇللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز كۆپچىلىكنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاشقا يېتەكلەشتۇر، «بىز يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كەنت يوللىرىنى تېخىمۇ كەڭ، كەنتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمىز. مەن يەنە كېۋەزلىككە بېرىپ، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى چوڭ ئائىلىلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ يىل قانداق قىلغاندا يېڭى پەرۋىش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىمەن».

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى ئاقسۇ تارماق ئەترىتى كۇچا شەھەرلىك چوڭ ئەترىتى چاڭنىڭ يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى لى يۈنفېي كۇچا شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا داۋاملىق لېكسىيە سۆزلەشكە تەييارلىق قىلدى. ئۇ مەھەللە، كارخانا، مەكتەپ، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئاممىغا ھورى چىقىپ تۇرغان ئىسسىق «مەنىۋى ئوزۇق» يەتكۈزمەكچى بولدى.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي قاتلامنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە تىرەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. «جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، مەن مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، بۇرچ ئېڭىم ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاھىدە جاپاغا چىدايدىغان، ئالاھىدە كۈرەش قىلالايدىغان، ئالاھىدە تۆھپە قوشالايدىغان ئېسىل ئىستىلنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە جاپالىق مەشىقلىنىپ، ھاياتىم ئارقىلىق ھاياتلىقنى قوغداپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى قەتئىي ياخشى ئادا قىلىمەن» دېدى لى يۈنفېي.

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى سۇڭ ياجۈن مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغايمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئادا قىلىش ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ما خۇادۇڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئەستايىدىل، ياخشى يەتكۈزىمىز، ياخشى ئۆگىنىمىز، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمىز. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇنىڭدىن كېيىن، مەن پەن - تېخنىكا خىزمىتىدە <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى> قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق تىرەك بولۇش، ھەم يۇقىرى ئىقتىدارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، پائال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن».

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قان كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى مۇختەبەر ئابدۇل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىشكە يېتەكلەيمىز» دېگەن مەزمۇندىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. «مەن يېقىندا ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېھتىياجىنى ئېنىقلاشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنى ئىشىكى ئالدىدىلا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمەن» دېدى ئۇ.