ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تىرىشىپ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا دائىر ياسىمىچىلىق كەسپىدە كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىرىمىنى 60 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرىدۇ

日期:2024年03月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا دائىر ياسىمىچىلىق كەسپىدە ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان. بۇ يىل، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا دائىر ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا دائىر ياسىمىچىلىق كەسپىدە كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىرىمىنىڭ 60 مىليارد يۈەندىن يۇقىرى بولۇش ھالىتىنى تىرىشىپ ساقلايدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا دائىر ياسىمىچىلىق كەسپى كومپيۇتېر، خەۋەرلىشىش ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ياسىمىچىلىق كەسپى ھەمدە لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت ھەم دېتال - زاپچاس ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئالاقىدار ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا دائىر ياسىمىچىلىق كەسپىدە مەبلەغ سېلىپ تېخنىكا ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈپ، يېشىللاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چاڭ جېن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق ماتېرىيال، يورۇقلۇق ۋولت، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەردە تەرتىپلىك قۇرۇلۇش باشلاشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە تېخنىكا ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشىگە، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ؛ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا دائىر ياسىمىچىلىق كەسپىدە يېشىل زاۋۇت قۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا ھۈنەر - سەنئىتى ۋە جابدۇقلارنى قوللىنىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

«لايىھە»نى چۆرىدەپ، شىنجاڭ دىققەتنى ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال، يورۇقلۇق ۋولت، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە، ئېلېكتىرونلۇق ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈك بار كەسىپلەردە زەنجىرنى تولۇقلاش، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە زەنجىر بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

«لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يورۇقلۇق ۋولت، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە، ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال، ئۈسكۈنە، ھۈنەر - سەنئەتتىكى ئاجىز ھالقىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش تېزلىتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يورۇقلۇق ۋولت، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە، ئېنېرگىيە ساقلاش جەھەتتىكى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ كەسىپنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىمىدىكى ھەم تېخنىكا ئورتاقلىقىغا ئىگە ئالاقىدار ساھەلەر چۆرىدىلىپ، بازارنى ئىنچىكە ئايرىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان، كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسىنى بېيىتىدىغان بىر تۈركۈم ئەۋزەل كارخانىلار يېتىشتۈرۈلىدۇ ۋە جەلپ قىلىنىدۇ؛ تۇنجى (يۈرۈش)، تۇنجى تۈركۈم قېتىم، تۇنجى نۇسخا قېتىم مەھسۇلاتلارنى بېكىتىش ۋە مۇكاپاتلاش كۈچەيتىلىپ، كارخانىلارنىڭ تۇنجى (يۈرۈش) چوڭ - چوڭ تېخنىكىلىق جابدۇق، تۇنجى تۈركۈم قېتىمدىكى يېڭى ماتېرىياللار سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

چاڭ جېن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا دائىر ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەۋھۇم رېئاللىق، ئىلغار ھېسابلاش، بېيدوۋدىن پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى كۆرسىتىش كەسپى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يورۇقلۇق ۋولتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يېتىشتۈرۈلىدۇ ۋە زورايتىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەۋھۇم رېئاللىقنى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، مەدەنىيەت - ساياھەت، يۇغۇرما تاراتقۇ قاتارلىق كەسپ - ساھەلەر بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ؛ سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئېكرانى، ئېلېكتىرونلۇق قەغەز قاتارلىق يېڭى تىپتىكى كۆرسىتىش كەسىپلىرى يېتىشتۈرۈلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ؛ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق يورۇقلۇق ۋولت + ئېنېرگىيە ساقلاش»نىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىق، قاتناش ھەم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردە ئىجادىي قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە قىزىق نۇقتىلار يېتىلدۈرۈلۈپ ۋە زورايتىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى، سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز كومپيۇتېر، خەۋەرلىشىش ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ياسىمىچىلىقى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %5 ئەتراپىدا بولۇشىنى، شىنجاڭنىڭ كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 400 مىڭ توننىدىن ئارتۇق مىقداردا مۇقىم ساقلىنىشىنى، يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتال مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 2 گىگاۋاتقا يېتىشىنى، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 5 گىگاۋات سائەتكە يېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرىدۇ.