مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى شىنجاڭ باش پونكىتى «تىيانشان تېغىغا كىرىپ يايلاق كۆچۈش ھەققىدە توختىلىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر قىلىش پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى

日期:2024年03月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يەنە بىر يىلدىكى باھار كېلىپ، بارلىق شەيئى جانلاندى، شىنجاڭدىكى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدا 7 مىليون تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا باھاردىكى يايلاق كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى شىنجاڭ باش پونكىتى ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇخبىرلارنى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، بايىنبۇلاق ئوتلىقى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۈتۈن تاراتقۇ، كۆپ خىل تىلدا «تىيانشان تېغىغا كىرىپ يايلاق كۆچۈش ھەققىدە توختىلىش»ناملىق كۆپ قىسىملىق خەۋەر قىلىش ئالاھىدە پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى «تىيانشان تېغىغا كىرىپ يايلاق كۆچۈش ھەققىدە توختىلىش» ناملىق ئالاھىدە پىروگراممىدا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تۇنجى قېتىم AI كۆرۈش سېزىمى ئىجادىيەت تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى ۋە ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈشتىكى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ھەم AI تېخنىكىسى ئاساسىدا بايىنبۇلاق قارا باش قويى، شىنجاڭ قوتىزى قاتارلىق ھايۋاناتلارنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۆرۈنۈشنى تېخىمۇ ھەقىقىي تۇيغۇغا ئىگە قىلىپ، كىشىلەرگە شۇ نەق مەيداندا تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈش سېزىمى ئېلىپ كېلىدۇ.

3 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، 13 -CCTV ئاخبارات قانىلىنىڭ سائەت 11دىكى پىروگراممىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى سىن ئاممىۋى نومۇرى، باش ئىستانسا مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگو ئاۋازى، CGTN قاتارلىق سۇپىلاردا بۇ گۇرۇپپا ئالاھىدە خەۋەر كۆرسىتىلىدۇ.

باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»، ئاخبارات قانىلى، مالىيە - ئىقتىساد قانىلى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا قانىلى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگو ئاۋازى، CGTN، ئاسىيا - ئافرىقا رايونى تىللىرى پىروگرامما مەركىزى، ياۋروپا - لاتىن ئامېرىكىسى تىللىرى پىروگرامما مەركىزى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى سىن ئاممىۋى نومۇرى قاتارلىق ئىچكى - تاشقى تەشۋىقات سۇپىلىرىدا سىجىل تارقىتىلىدۇ.