ئەمەلىي ئىشلەپ باش باھارنى كۈتۈۋالدى، ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى

日期:2024年03月14日
来源:天山网
【字体:

​− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

تىرىشىپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇش، نىشان بېكىتىش، تەرەققىياتنى پىلانلاش... كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغا كىرگەندە، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئۇچقاندەك ئايلىنىۋاتاتتى، ئىشچىلارنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشقان بولۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەنىدى. باھار كەلدى، دەل كۈرەش قىلىدىغان پەيتمۇ يېتىپ كەلدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلار باھار شامىلىنى كۈتۈۋېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى «پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداش»، «سىجىل غەلىبىلىك ئورۇنداش»قا كېڭەيتتى.

شىنجى ئېنېرگىيەسى:

تۈر قۇرۇلۇشىدا «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى باستى

3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، تيېمېنگۇەن ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شۇاڭفېڭ ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ شىنجى ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد بىرلەشمە خىمىيە سانائىتى تۈرى ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئازوتلۇق ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىدىكەن.

بۇ تۈر شىنجاڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىققا مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ يولغا قويغان تۈرى بولۇپ، جەمئىي 6 مىليارد 420 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، 2023 - يىلى 3 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان.

تۈرنى باش ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ − جۇڭگو تيەنچېن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شىنجى ئېنېرگىيە تۈر بۆلۈمىنىڭ تۈر مۇئاۋىن دىرېكتورى گاۋ يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تۈردە بۇ يىل 2 - ئايدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، قۇرۇلۇش خادىملىرى 1400دىن كۆپرەككە يەتتى، پىلان بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، ئومۇمىي قۇرۇلۇشنىڭ %50ى تاماملاندى.

«تۈردە كۆمۈر خام ماتېرىيال قىلىنىدۇ، ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىن يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 500 مىڭ توننا بولغان يېڭى تىپتىكى سۇدا ئېرىيدىغان بىرىكمە ئوغۇت، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 300 مىڭ توننا بولغان دىزېل قالدۇق گازىنى بىر تەرەپ قىلىش رېئاكتىپى قاتارلىقلار بار، بۇ ئارقىلىق بايلىقنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بىرقەدەر ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئىگە.» شىنجى ئېنېرگىيەسىنىڭ باش مۇدىرى گو جۇڭ مۇنداق دېدى: تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى سانائەت كەسىپ ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقىرى ئېقىندىكى بايلىقنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە تۆۋەن ئېقىندىكى يېڭى ماتېرىياللارنى قوللىنىش قاتارلىق ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، قوللىنىش ھەم ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.

گو جۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئەۋزەل بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈرنى خاتىرجەم قۇرۇلۇش، سەرخىل قۇرۇلۇش قىلىپ بەرپا قىلىمىز.

جۇڭتەي شىڭۋېي:

تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈردى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭتەي شىڭۋېي بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئالدىنقى ئىككى ئايدا 11 مىڭ 430 توننا تاۋار تاختا ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان پىششىقلانمىغان قەغەز ئىشلەپچىقىرىپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، كورلا شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭتەي شىڭۋېينىڭ قەغەز ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرى، يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى شوپۇرلىرى ئۆز ئىش ئورنىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىمىز خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پىششىقلانمىغان قەغەزنى ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى مەھسۇلات قىلىپ كېسىش بولۇپ، نۆۋەتتە كۈندىلىك خىزمەت مىقدارىمىز 150 توننا ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ» دېدى سېخ پارچىلاپ كېسىش ئىش تەرتىپى بۆلىكىنىڭ باشلىقى ما مياۋ.

جۇڭتەي شىڭۋېي غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى ئىشقارلىق ئۇسۇلدا دۈملەپ پىشۇرۇش ئارقىلىق ئەسلىي رەڭلىك قومۇش بوتقىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىردىنبىر قەغەزچىلىك كارخانىسى. باغراش كۆلىنىڭ قومۇش بايلىقى ھەم شىنجاڭ ئىچىدىكى تېرەك بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ شىركەت ئەسلىي رەڭدىكى قومۇش بوتقىسى، ياغاچ بوتقىسى ھەمدە ئارىلاشما بوتقا مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، قومۇشنى يىغىۋېلىپ تايلاش، قاچىلاش - چۈشۈرۈش، توشۇش، ئامبارغا كىرگۈزۈپ بوتقىغا ئايلاندۇرۇشتىن تارتىپ ئاخىرىدا تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىشلەپچىقىرىشقىچە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك تىجارەت ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى سىچۇەن، شەنشى، خېنەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، 2023 - يىلى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 300 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

بۇ يىل، جۇڭتەي شىڭۋېي سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئالماشتۇرۇپ دۈملەپ پىشۇرۇش تۈرىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئۆزگەرتتى ھەم تۆۋەن ئېقىندىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن كۆپ خىل ھەمكارلىق تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قەغەزنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك مەھسۇلات ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى. «كارخانىمىز ئىشلەپچىقىرىش زاكاز تالونىغا ئاساسەن نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى تاماملاش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالماقتا» دېدى جۇڭتەي شىڭۋېي ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېڭ ۋېيدۇڭ.

خۇامەي ئۇنچىلىقى:

ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، زاكازنى ئۈلگۈرتتى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، شىنجاڭ شىنلياڭ خۇامەي ئۇن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 33 مىڭ 138 توننا بۇغداي پىششىقلاپ، 25 مىڭ 421 توننا ئۇن ئىشلەپچىقىرىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشۇردى.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، مۇخبىر خۇامەي ئۇنچىلىقى قاچىلاش - چۈشۈرۈش رايونىدا، بىرنەچچە چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ قاتار تىزىلىپ تۇرغانلىقىنى، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىلىرىنىڭ يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى، يەتكۈزۈش ماشىنىسىنىڭ ياردىمىدە ئۇننى تەرتىپلىك قاچىلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

«ھازىر ئامباردىن چىقىرىلغان بۇ بىر تۈركۈم ئۇن 100 توننا بولۇپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىگە توشۇلىدۇ.» خۇامەي ئۇنچىلىقى ساقلاش 2 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زوۋ جيەنمېينىڭ ئېيتىشىچە، باھار بايرىمىدىن كېيىن شىركەتنىڭ كۈندىلىك مال چىقىرىش مىقدارى 600 توننىدىن ئاشقان.

خۇامەي ئۇنچىلىقىنىڭ ھازىر 58 مىڭ توننىلىق ساقلاش ئەسلىھەسى بار، ئىككى ئۇن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ كۈندىلىك بۇغداي پىششىقلاش ئىقتىدارى 1100 توننا بولۇپ، ئاساسلىقى ھەر خىل مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئۇن ھەم تەڭشەلگەن ئۇن ئىشلەپچىقىرىدۇ. تيەنماۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدا كارخانا بايراقدار دۇكىنى ئېچىپ داڭلىق ماركىنى كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە نۇرغۇن سېتىش دۇكىنى تەسىس قىلدى، بازار ئىگىلەش نىسبىتى يىلدىن - يىلغا ئاشتى.

خۇامەي ئۇنچىلىقىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋاڭ ئەيگو مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ياخشى بولدى، نۆۋەتتە كۈندىلىك زاكاز 700 توننا ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، بازار ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتچىلەر ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

بۇ يىل خۇامەي ئۇنچىلىقى يۇقىرى سۈپەتلىك خام ماتېرىيال ھەم جۇغراپىيەلىك بەلگە ئالتۇن خەتلىك داڭلىق ماركىسىغا تايىنىپ، ئۇننى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرى تۈر قۇرۇلۇشىنى ماكانلاشتۇرۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خۇامەي ئۇنچىلىقىنى پۈتۈن شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتە تەسىر كۈچكە ئىگە ئۇن ۋە ئۇن مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى قىلىپ بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى توغرا يۆنىلىشلىك، تىك يۆنىلىشلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى كەسىپ زەنجىرىگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، بازارنى زورايتىدۇ، داڭلىق ماركىنى چاقنىتىدۇ.