ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ دائىرىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە كېڭەيتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ

日期:2024年03月14日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇانىڭ 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 14 مىليون 390 مىڭ كىشى، 3 مىليون 400 مىڭ كىشى، 4 مىليون 340 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈپ، يېڭىدىن ئىش باشلانغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي تۈردە تولۇق، دەل جايىدا، پۇختا كاپالەتلەندۈرىدىكەن.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرى ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يادرو قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈم - مېخانىزمىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرىدۇ. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش كەسپىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كەسپىي زەخىم كاپالىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەييارلىق خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىدۇ. ئىشتا يارىلىنىش بويىچە داۋالىنىش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوشۇمچە ئۈسكۈنە - سايمانلارنى سەپلەش ئاپپاراتلىرىنى كېلىشىم بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشتا يارىلىنىش بويىچە داۋالىنىشتا دوختۇرخانىدا راسچوت قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەييارلىق خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدە باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى دوختۇرخانىدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، 13 كېلىشىم ئاپپاراتى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئالدىن قانات يايدۇرىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىجتىمائىي كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، بۇلتۇر يىللىق دائىرىنى كېڭەيتىش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداش ئاساسىدا، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولىدۇ. «سانلىق مەلۇمات ئادەم ئىزدەش» ئارقىلىق دائىرىنى دەل جايىدا كېڭەيتىشنى تۇتقا قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ دائىرىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە كېڭەيتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ. بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، باج قاتارلىق تارماقلار ئارا سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كارخانىلارنى دەل جايىدا يوللاپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ سۇغۇرتىغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلار ۋە ھەق تاپشۇرۇشنى ئۈزۈپ قويغانلارنى ھەرىكەت ھالىتىدە، دەل جايىدا بېكىتىپ، قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە ھېسابات شەكلىدە تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلارنى سۇغۇرتىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئاھالىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىنى سىجىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. شارائىت ھازىرلىغان شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەق تاپشۇرۇش ياكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەيدۇ. قىيىنچىلىقى بارلارغا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق تۆۋەن چەكنى ساقلاش» «ئىشسىزلىق كاپالىتى» «ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالىتى» قاتارلىق ھەرىكەت تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرىدۇ. «توردا بېجىرىش، بىر كۆزنەكتە بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»نى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. كارخانا ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش، كارخانىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش، پېنسىيەگە چىقىرىش، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. «ئۇنىۋېرسال پوكەي تۈزۈمى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ۋىلايەت، شەھەر دائىرىسىدە «رايون ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش»، تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت ئىش تۈرىنى «ئاپتونوم رايون بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشتە «باش ئاپپارات بىلەن باش ئاپپاراتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش» ئەندىزىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنى راۋانلاشتۇرىدۇ. مۇلازىمەت يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت - بانكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تور نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ، «شەھەر رايونىدا 15 مىنۇتتا پىيادە يېتىپ بارغىلى بولىدىغان، يېزا - كەنتلەردە بەش كىلومېتىر دائىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت چەمبىرىكى بەرپا قىلىدۇ. يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى خاس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.