​ئالدىنقى ئىككى ئايدا چېگرادىن كىرگەن - چىققان يولۇچىلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %370 ئاشتى

日期:2024年03月14日
来源:天山网
【字体:

قورغاس تاشيول پورتى:​

ئالدىنقى ئىككى ئايدا چېگرادىن كىرگەن - چىققان يولۇچىلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %370 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىچېن چياڭۋېي، ۋاڭ ناخەۋەر قىلىدۇ: 2024 - يىلى جۇڭگو «قازاقىستان ساياھەت يىلى» بولۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان پورتى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. قورغاس چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققان يولۇچى سانى 86 مىڭ كىشىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %370 ئاشقان.

جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قورغاس پورتىدا چېگرادىن كىرىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلەر سانىدا شىددەت بىلەن ئېشىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.

3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، خەلقئارا نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ چېگرادىن كىرگەن قازاقىستانلىق يولۇچى قۇرمات پەرۇللا سىنلىق تېلېفون ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە ئامان - ئېسەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇ قېتىمقى خەلقئارا نۆۋەتچى ئاپتوبۇس قازاقىستاننىڭ ياركەنتتىن يولغا چىققان بولۇپ، قۇرمات پەرۇللا قورغاس پورتىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، جۇڭگوغا كىرىپ ساياھەت قىلسا بولىدۇ.

«قورغاس پورتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىپ باقمىغانىدىم، بۇ قېتىمقى ساياھەتتىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتىمەن» دېدى قۇرمات پەرۇللا تاموژنىدىن ۋىزىسىز ئۆتكەندىن كېيىن.

چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قورغاس تاموژنىسى قورغاس چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى بىلەن بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت تەكشۈرۈش نەق مەيدانىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ، ھازىر بار بولغان بايلىقنى بىرتۇتاش تەقسىملەپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

نۆۋەتتە، قورغاس پورتىدا چېگرادىن كىرگەن - چىققان يولۇچىلارنىڭ سانىدا ئېشىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.