يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى يېتەرلىك تەييارلاپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى قولدىن بەرمەسلىك

日期:2024年03月13日
来源:天山网
【字体:

− «دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش» توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر (1)

3 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى خىمىيەۋى ئوغۇت توشۇش بىلەن ئالدىراش بولدى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلماقتا. □فېڭ لياڭفوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى تو يا، لۇ فېڭباۋ

تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلدى. يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشتە باھانىڭ مۇقىم بولۇش ـ بولماسلىقى، مىقدارنىڭ يېتەرلىك بولۇش ـ بولماسلىقى بۇ يىل يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ـ ئاشۇرالماسلىققا مۇناسۋەتلىك، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئوبوروت قىلىش، تەمىنلەش تارماقلىرى، تۆمۈريول تىرانسپورت تارماقلىرى قاتارلىق كۆپ تارماق پائال پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىشنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا قانات يايدۇرۇش

3 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مۇخبىر جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى خىمىيەۋى ئوغۇت بۆلۈمى ئىككىلەمچى بىرلەشمە قۇرۇلما ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى سېخىغا كىردى. سېخ ئىچىدە ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئورىيا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى مەھسۇلاتلارنى ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىپ ئوراپ قاچىلاۋاتاتتى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پات ـ پات چارلاپ تەكشۈرۈۋاتاتتى.

شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئازوتلۇق ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شىركىتى خىمىيەۋى ئوغۇت بۆلۈمى بازار ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، كىچىك دانىلىق ئورىيا، تەركىبىدە دېڭىز يوسۇنى كىسلاتاسى بولغان ئورىيا ۋە ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان ئورىيا قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ئورىيا ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، شىركىتىمىز بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ باردى». ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شىركىتى خىمىيەۋى ئوغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خەن گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: «بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىز كىچىك دانىلىق ئورىيا ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ تەشكىللەۋاتىمىز، نۆۋەتتە كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1755 توننىغا يەتتى، ئورىيا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات نىسبىتى %100كە يەتتى».

ساقلاش ـ توشۇش سېخىنىڭ تەييار مەھسۇلات ئامبىرىدا، مۇخبىرلار خالتا ـ خالتا خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى، ئاپتوماتىك تىزىش ماشىنىسىنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇتنى رەتلىك تىزىۋاتقانلىقىنى، ئارقىدىن خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يولغا سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شىركىتى زاكاز ئەندىزىسى بويىچە ئورىيا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، تولۇق ئىشلەپچىقىرىش، ھەممىنى سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، سېتىش سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى شىنجاڭ مىنفۇ بىيوپەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كارخانا بولۇپ، ئالدىنقى يىلى 60 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ساتتى، بۇنىڭ ئىچىدە %80ى ئۆزىنىڭ ماركىسى بار بولغان مەھسۇلات بولدى. شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، تۆت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى، ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشياسى تاللاش، ئارىلاشتۇرۇش، ئېچىتىش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرىدىن ئۆتۈپ، بىرىكمە ئوغۇت، سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت قاتارلىق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا مەھسۇلاتلىرىغا ئايلىنىۋاتاتتى.

«بۇلتۇر شىركىتىمىز 14 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، سۇيۇق ئوغۇت، بىرىكمە ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزگەرتتى ۋە يېڭىلىدى، ھازىر كۈنىگە 700 توننىدىن ئارتۇق ئوغۇت ئىشلەپچىقىرالايدۇ» دېدى شىنجاڭ مىنفۇ بىيوپەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئابلىمىت مەمەت.

2 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن باشلاپ، بۇ شىركەت ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىگە كىردى، نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىلىپ سېتىلغان تۈرلۈك خىمىيەۋى ئوغۇت 17 مىڭ توننا بولۇپ، مەھسۇلاتلار قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

«ئالدىنقى بىرقانچە يىلدىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ھازىر كۆپچىلىك يەرنى ئىلمىي تېرىپ، <خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئازايتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش>قا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. بۇ يىل شىركىتىمىز ئەسلىدىكى خىمىيەۋى ئوغۇت تەجرىبىخانىسى ئاساسىدا تۇپراق تەجرىبىخانىسىنى كۆپەيتىپ قۇرۇپ، تاتىراڭ يەر، شورلۇق يەر قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تۇپراقنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، بۇغداي، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش خۇسۇسىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشىمىغان جايلارنىڭ تۇپراق سۈپىتى ۋە زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئادىتىگە ماس كېلىدىغان ئوغۇت ئىشلەپچىقاردى، مەھسۇلاتلىرىمىز بارغانسېرى كۆپلىگەن دېھقانلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى» دېدى ئابلىمىت.

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى كەنت، دۇكانلارغىچە يۆتكەپ توشۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسى نۇڭجيالې يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا مەركىزىي ئامبىرىدا، خىزمەتچى خادىملار يۆتكەش ـ توشۇش ماشىنىسىنى ھەيدەپ، يۈك پويىزىدىن يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى چۈشۈرۈۋاتاتتى. «مەركىزىي ئامبار پويىزلار يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان مەخسۇس لىنىيەگە تۇتاشتۇرۇلغان، نۆۋەتتە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى ئون ۋاگون يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئامبارغا كىرگۈزۈلىدۇ» دېدى مارالبېشى ناھىيەسى نۇڭجيالې يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى دۇەن شىنچۈەن.

مارالبېشى ناھىيەسى نۇڭجيالې يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قەشقەر ۋىلايىتىدە يىلدا تەخمىنەن 360 مىڭ توننا خىمىيەۋى ئوغۇت ساتىدۇ. بۇلتۇر 10 ـ ئايدىن بۇيان، يۈننەن، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن فوسفورلۇق ئوغۇت ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئازوتلۇق ئوغۇتى، كالىيلىق ئوغۇتى قاتارلىقلارنى ئۈزۈلدۈرمەي يۆتكەپ كەلدى، بۇ شىركەت جەمئىي 130 مىڭ توننا تۈرلۈك خىمىيەۋى ئوغۇت يۆتكىدى، نۆۋەتتە ئامباردا 75 مىڭ توننا خىمىيەۋى ئوغۇت ساقلىنىۋاتىدۇ.

«مۆلچەرلىنىشىچە، 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4 ـ ئاينىڭ بېشىغىچە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئامباردىن چىقىرىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىمىز، نۆۋەتتە مەھسۇلات زاپىسىمىز يېتەرلىك» دېدى دۇەن شىنچۈەن.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات ـ سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا بايلىقىنى زاپاس ساقلاش، بازارنى تەمىنلەشتىكى ئاساسىي يول بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، 3 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىگىچە تۈرلۈك خىمىيەۋى ئوغۇتتىن 700 مىڭ توننا يۆتكەپ كەلدى.

بۇلتۇر 9 ـ ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا گۇرۇھى مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايون ئىچى ـ سىرتىدىكى چوڭ تىپتىكى خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، فوسفورلۇق ئوغۇت، ئازوتلۇق ئوغۇت، كالىيلىق ئوغۇت قاتارلىق بايلىقلارنى سېتىۋېلىش، يۆتكەش ۋە زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. بۇ يىل 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا گۇرۇھى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ نۇڭجيالې يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 200 مىڭ توننا دۆلەت خىمىيەۋى ئوغۇت زاپىسىنى ئارقا ـ ئارقىدىن بازارغا سالدى.

«ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا گۇرۇھى 800 مىڭ توننا تۈرلۈك خىمىيەۋى ئوغۇت، 1300 توننا دېھقانچىلىق دورىسى، 4000 توننا سولياۋ يوپۇق خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى، خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن تەمىنلەش مىقدارى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەرلىك بازارنىڭ تەخمىنەن %60ىنى ئىگىلەيدۇ» دېدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر لۇ شۈبىن.

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا مال مەنبەسى مۇقىملاشتى، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، تەمىنلەش خىزمىتى ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىشتا ئوتتۇرىدىكى ھالقىلارنى ئازايتىپ، دېھقانلارغا پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ نۇڭجيالې يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۆز قارىمىقىدىكى «نۇڭجيالې» يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا تىجارەت تور نۇقتىلىرى ھەم يوللىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا تاۋارلىرىنى ئۆزىنىڭ خوتەن شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، بورتالا شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئامبار رايونىدا زاپاس ساقلاپ، ھەرقايسى جايلارنى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشتە كەنتتىن دۇكانلارغىچە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا باھاسىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى جارى قىلدۇردى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا گۇرۇھى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزىدىن 18نى، تىجارەت تور نۇقتىسىدىن 1644نى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمەت مەركىزىدىن 15نى، زىرائەت دوختۇرخانىسىدىن 514نى تەسىس قىلىپ، «يېشىل بىۋاسىتە ئاپتوموبىل»نى ماس قەدەمدە يولغا سېلىپ، ئىككى سائەت بۇرۇن ئالدىن كېلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، مالنى ئېتىز بېشىغىچە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇش، سۈپىتى ئەلا بولۇش، ئۈزۈلۈپ قالماسلىق، ئۆكسۈپ قالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى يۈك تىرانسپورت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى ماددىي ئەشيالىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن توشۇدى، 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىگىچە، 877 مىڭ توننا خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق ماددىي ئەشيالار توشۇلدى.

شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ھەرقايسى ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرى ئەتراپتىكى خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، توشۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىش ـ توشۇش پىلانىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىگىلەپ، «بىر كارخانىغا بىر لايىھە بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە خېرىدارلارغا ماس كېلىدىغان ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت لايىھەسى تۈزۈپ، توردا بېجىرىش، ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش قاتارلىق بىر قاتار «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى»نى يولغا قويۇپ، يۈك تىرانسپورت ماركېتىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

ئاقسۇ تۆمۈريول يۈك مەيدانىدا، ھەر كۈنى يۈننەن، گۇيجوۋ قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن 1500 توننىدىن ئارتۇق خىمىيەۋى ئوغۇت يېقىن ئەتراپتىكى ھەرقايسى يېزا ـ بازارلارغا توشۇلىدۇ. «بىز يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىش كارخانىلىرى، قىسقا يوللۇق ئاپتوموبىل ئەترەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى زورايتىپ، ماشىنا ـ سايمانلارنى كۆپەيتىپ، ئاپتوموبىللارنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، پويىزدىن چۈشۈرۈش بىلەن ئاپتوموبىلدا مال يەتكۈزۈشنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كورلا تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروت مەركىزى ئاقسۇ تىجارەت بۆلۈمىنىڭ كەسىپ دىرېكتورى ليۇ خۇيلياڭ.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى زور، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆمۈريول تىرانسپورت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ۋە شىنجاڭغا كىرىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ توشۇش يۆنىلىشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، كۆپ نۇقتىدا توشۇش، تارقاق توشۇش ۋە پۈتۈن نۆۋەتچى پويىز بويىچە توشۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كورلا، مارالبېشى، قەشقەر قاتارلىق 15 ۋوگزالدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن خىمىيەۋى ئوغۇت توشۇش كەسپىنى بېجىردى. بۇ يىل 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كورلا، كۇچا قاتارلىق ۋوگزاللاردىن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرگە توشۇلغان ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى ماددىي ئەشيالىرى 134 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.5 ئاشتى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى لوتۇيى، سەنپىڭ، لوجۇڭ قاتارلىق ۋوگزاللاردا خىمىيەۋى ئوغۇت توشۇشنى كۆزىتىپ كونترول قىلىش، تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت كارخانىلىرىنىڭ توشۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالدىن پىلانلاش، بوش ۋاگون سەپلەش، ۋاگونغا قاچىلاش، چېتىپ توشۇش، ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت «بەش ئالدىن» مۇلازىمەت تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، قاچىلاپ چۈشۈرىدىغان ماشىنا ـ سايمانلىرى ھەم خادىملارنى كۆپەيتىپ، ۋاگونغا قاچىلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت توشۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش جەھەتتە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرى ساختا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىغا زەربە بېرىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، خىمىيەۋى ئوغۇت تىجارەتچىلىرىنىڭ ساختا ئۆلچەم مىقدارى، ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ئوغرىلىقچە ئالماشتۇرۇش، باشقا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ساختىلىق قىلىش قاتارلىق ساختا، ناچار ئوغۇت ياساش، سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ بازار باھاسىنى كونترول قىلىۋېلىش، باھا ئالدامچىلىقى قاتارلىق باھا جەھەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇرەككەپ ئارىلاشما ئوغۇت، ئورگانىك ئوغۇت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبى يېتەرلىك بولماسلىق، تىزىمغا ئالدۇرماسلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ؛ رېتسېپلىق ئوغۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە بازارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا بازىرىنى ساپلاشتۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار 12315 ئەرز قىلىش، پاش قىلىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما ئەرز قىلغان، پاش قىلغان مەسىلىلەرنى پائال مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى خىمىيەۋى ئوغۇت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى خىمىيەۋى ئوغۇت تىجارىتى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرىدۇ.