سوغۇق ھاۋا ئېقىمى داۋاملىشىدۇ! شىنجاڭدا قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

日期:2024年03月13日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە

شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلاردا تېمپېراتۇرا ئۆرلەش ئەندىزىسى كۆرۈلدى

ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى

تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى

20.7 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى

12 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا

4 سېلسىيە گىرادۇس بىلەن 18 سېلسىيە گىرادۇس ئارىلىقىدا بولدى

لېكىن 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ تەدرىجىي تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

بىر مەيدان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە تېمپېراتۇرىنىڭ «چېكىنىش كۇنۇپكىسى» بېسىلىدۇ

ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا يەنە نۆلدىن تۆۋەنگە قايتىدۇ

بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدەتېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى

مەركەزلىك ھالدا شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا كۆرۈلىدىغان بولۇپ

3-ئاينىڭ 13-كۈنى كۈندۈزدىن 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچىگىچە

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا

5 سېلسىيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ

3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 3 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ

بۇنىڭ تەسىرىدە

سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يەنە قار-يامغۇرلۇق، بورانلىق «يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت»نى ئېلىپ كېلىدۇ

مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە

ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا

بىرقەدەر روشەن ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ،تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

3-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 15-كۈنىگىچە

كۆپ قىسىم جايلاردا يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، كېيىن قېلىن قارغا ئۆزگىرىدۇ

قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدۇ

بۇ جەرياندا تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ

ئاساسلىق شەھەر رايونى ۋە مىدۇڭ رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ

گەنچۈەنپۇ، داۋانچىڭ رايونى، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە نەنسەن تاغلىق رايونىدا

ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 17 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن13 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 15-كۈنىگىچە

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن

يوللار تېيىلغاق بولىدۇ، يېڭىدىن ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە قارلار كۆپ يىغىلىدۇ

شەھەر رايونىدا يوللار مۇز تۇتۇپ

قىسمەن جايلاردا شىۋىرغان ياكى چاڭ-توزان كۆرۈلۈشى مۇمكىن

يول قاتنىشى، شەھەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا

پايدىسىز تەسىرى بار

ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەسكەرتمىسى

3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە

شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇر، قار يېغىپ، بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، يول قاتنىشى

شەھەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى، ساياھەت قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ

شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمال قىسمى

تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونىدا ئارىلاشما تىپلىق كەلكۈن

ھەمدە ئالتاي تاغلىق رايونىدىكى قىسمەن جايلاردا قار كۆچكۈنى كۆرۈلۈشىنىڭ

نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى