导航切换

شىنجاڭ كىشىلەر تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلاندى

日期:2024年02月12日
来源:天山网
【字体:

باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى ئويۇنلارغا ياخشى باھالار ئۈزۈلمىدى −

شىنجاڭ كىشىلەر تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلاندى

«مۇزىكا ياڭرىدى، چىراغ نۇرلىرى جۇلالاندى. شۇ دەقىقىدە، جىسمىم ۋە روھىم پۈتۈنلەي سەھنە بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. بۇ، مەن ئەڭ ياخشى ئوينىغان بىر ئۇسسۇل» دېدى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سەھەر سائەت 1دە، ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۇرۇۋاتقان جايىغا قايتىپ كەلگەن ئۇسسۇل ئارتىسى تيەن جېنئېر.

تيەن جېنئېر ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت ئورنىدىن كەلگەن، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا ئورۇنلانغان «ئۇسسۇل شادلىقىغا چۆمگەن شىنجاڭ» ناملىق نومۇردا، ئۇ شىنجاڭدىكى ئالتە ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن كەلگەن ھەمراھلىرى بىلەن تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان قالتىس شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇلىنى تەقدىم قىلدى.

«بۇ، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا شۆبە مەيدان تەسىس قىلىشى. قەشقەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شىنجاڭ كىشىلەر تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلاندى. ئۇسسۇل ئارتىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دېدى تيەن جېنئېر.

چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى «ئۇسسۇل شادلىقىغا چۆمگەن شىنجاڭ» ئاساسىي سەھنىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى قىلىندى. سەھنە يېنىدىكى رەڭگارەڭ نۇر چېچىپ تۇرغان 12 ئىمارەتنىڭ ئۆگزىسى كىچىك سەھنە قىلىندى. مۇزىكا ياڭرىغاندا، ئۆگزە، كوچا يوللىرى، ئىشىك - دېرىزىلەرنىڭ ئالدى، ھەممىلا جاي ناخشا - ئۇسسۇل دېڭىزىغا ئايلاندى، شادلىق تەبەسسۇمىغا تولدى.

«ئانار قىزاردى، تۇرمۇش ياخشىلاندى، خەلق شادلاندى، شىنجاڭ گۈزەللەشتى. <ئۇسسۇل شادلىقىغا چۆمگەن شىنجاڭ>دا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى نامايان قىلىنغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىشەنچى ۋە ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن. كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سەھنە سەنئىتى لايىھەلىگۈچىسى دىلمۇرات ئەخمەت.

«ئۇسسۇل شادلىقىغا چۆمگەن شىنجاڭ» كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، توردا ياخشى باھالار ئۈزۈلمىدى. مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى سىنى، ئانار بۇلۇت قاتارلىق سۇپىلاردا، تورداشلار بەس - بەستە سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېيىشتى: «شىنجاڭ بەك گۈزەل ئىكەن، بۇ يىل چوقۇم بارىمەن» «شىنجاڭلىقلارنىڭ بۇنچە خۇشال ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئاندىن بىلدىمكى، شىنجاڭ ئەسلىدە مۇشۇنداق جاي ئىكەن» «بەك گۈزەل ئىكەن، بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەمراھ بولۇپ شىنجاڭغا بىللە بارىدىغانلار بارمۇ» «ئەسلىدە شىنجاڭغا بېرىپ بىر ھەپتە ئويناپ كېلىشنى پىلانلىغانىدىم، نومۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن بىر ھەپتە ئۇزارتىشنى قارار قىلدىم، ئاساسلىقى قەشقەرگە بارىمەن» «بىزنىڭ بۇ يەردە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئۆگىتىدىغان تەربىيەلەش كۇرسى بارمۇ، شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى بەك ئۆگەنگۈم بار»...

«مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى قالتىس نومۇرلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاماشىبىنلارغا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ مۇقىم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلدى. كەلگۈسى تەرەققىياتقا نىسبەتەن بىزنىڭ ئىشەنچىمىز تولۇق.» 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى شياڭخې يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جاڭ شۇشياڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە قىزغىن كەيپىياتتا باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى كۆردى، «شىنجاڭ ياخشى جاي! ئىشىنىمەنكى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، شىنجاڭنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ».

«گۈزەل شىنجاڭدا، ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتىدۇ.» مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قويۇلغاندىن كېيىن، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر جۇ لېي ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەسىراتىنى ھەمبەھرىلىدى.

2023 - يىلى 4 - ئايدا، جۇ لېي قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى باشلىدى. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ ئاخىرى، ئۇ جياڭسۇغا قايتىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزدى، لېكىن ھەر ۋاقىت «ئىككىنچى يۇرتى» بولغان شىنجاڭنى ئېسىدىن چىقارمىدى.

قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى قالتىس ئويۇنلارنى كۆرگەندىن كېيىن، جۇ لېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن بىر يىلدا، شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپەتتە دۇنياغا يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمەن».

«بۇ بىر نەچچە يىلدا، مەن شىنجاڭدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزدۈم، ھەر قېتىملىق باھار بايرىمىدا خېنەندىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر تېلېفون قىلسا شىنجاڭ توغرىسىدا پاراڭلىشىمىز. بۇ قېتىمقى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئەتىگەندىلا تېلېفون قىلغانلار كۆپ بولدى، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى سورىغانلار تېخىمۇ كۆپ بولدى» دېدى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شىنجاڭ چاڭگېدېگو يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما جۈنۋېي.

بۇ شىركەت خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىقى توڭلىتىپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق قومۇلنىڭ يەرلىك ئەلا سۈپەتلىك قوغۇن، ئۈزۈم، چىلان قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ، يىلىغا 8000 توننىغا يېقىن ھەر خىل يېڭى مېۋە، كۆكتاتنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، مەھسۇلاتلىرى 100 خىلدىن ئاشىدۇ، شىركەت شۇ جايدىكى 300 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا، كارخانا يېڭىدىن قۇرۇلغاندا ئىش كۆپ بولغاچقا، ما جۈنۋېينىڭ خېنەندىكى يۇرتىغا قايتىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە چولىسى تەگمىدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى بىراقلا قومۇلغا ئېلىپ كەلدى، بالىسىمۇ قومۇلدا ئوقۇدى، باھار بايرىمىنى قومۇلدا ئۆتكۈزدى.

«شىنجاڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، تەرەققىياتى تېز، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك. شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، مەدەنىيىتى چوڭقۇر، تىجارەت - سودا مۇھىتى ياخشى. شىنجاڭلىقلار قىزغىن ۋە مېھماندوست. شىركىتىمىز شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشقا بەل باغلىدى» دېدى ما جۈنۋېي.

«مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانىدا ئورۇنلانغان نومۇرلاردا ھەقىقىي، قىزغىن، گۈزەل شىنجاڭ نامايان قىلىندى. قەشقەر قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى كۆزنەك بولۇپ قالدى، تاشقى سودا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بىز قەشقەردىن ئۆگىنىمىز» دېدى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئالتاي ۋىلايىتى تايكېشكېن پورت باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەن گاۋفېڭ باھار بايرىمىلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى نومۇرلار ئۈستىدە توختالغاندا.

2023 - يىلى تايكېشكېن پورتىدىن ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان مال 2 مىليون 770 مىڭ 900 توننا بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %20 ئاشتى. بۇ يىل 1 - ئايدا، تايكېشكېن پورتىدىن جەمئىي ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان مال 260 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %200 ئاشتى؛ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 346 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %195 ئاشتى.

«پورتىمىز بىلەن قەشقەرنىڭ بىرى جەنۇبتا، بىرى شىمالدا، ھەممىسى تاشقى سودا جەھەتتە تېز ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ سىياسىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنىڭ سىجىل زورىيىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بىزنىڭ داۋاملىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار» دېدى ئەن گاۋفېڭ.

(مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار رايىدە، گې يوۋجۈن، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جۇ ۋېنبىن، جاڭ ياخۇي)