ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئارىلاپ ئەھۋال ئىگىلىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى تىنچ - ئامان ئۆتكۈزۈشىگە چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئارىلاپ ئەھۋال ئىگىلىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كىچىك تورخانا، كىچىك مېھمانخانا، كىچىك دۇكان قاتارلىق «توققۇز كىچىك سورۇن»غا چوڭقۇر چۆكۈپ، كىنوخانا قاتارلىق ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلارغا كىرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى، بىرىنچى سەپتىكى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن ئىبارەت تۈگۈننى چۆرىدەپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ھەر تەرەپلىمە بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى تىنچ - ئامان، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شىمىگۇ رايونى جەنۇبىي نەنخۇ يولى تەۋەلىك رايونى سودا چەمبىرىكىدە ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەر كۆپ، ئادەم ئېقىمى زور، مېھمانخانىلار، يېمەك - ئىچمەك دۇكانلىرى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى كۆپ. ئەركىن تۇنىياز ئىختىيارىي ھالدا بىر تورخانىغا كىرىپ، ئوت ئۆچۈرۈش يولى، ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تارقاقلاشتۇرۇش يولى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ، سودىگەرلەرنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر، ساغلام، مەدەنىي تورغا چىقىش مۇھىتى يارىتىشىنى تاپىلىدى.
ئەركىن تۇنىياز ماڭغاچ كۆرۈپ، كوچا ياقىسىدىكى دۇكانلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى. «قانچە ياتاق بار؟» «قانچە بىخەتەر چىقىش ئېغىزى بار؟» «ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزدۈڭلارمۇ - يوق؟» ئەركىن تۇنىياز كىچىك مېھمانخانا قاتارلىقلارنى ئارىلاپ، كۈندىلىك تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئىچكى بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ سەپلىنىشىنى كۆرۈپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى جايىدا، پۇختا ئىشلەشنى تەكىتلىدى. ئەركىن تۇنىياز يەنە تىيانشان رايونىغا كېلىپ، ئېلېكتىرونلۇق رىقابەت مېھمانسارايلىرى، كىنوخانىلارنى ئارىلاپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، تارقاقلاشتۇرۇش كۆرسەتمە بەلگىلىرىنىڭ تولۇق - تولۇق ئەمەسلىكى، نۆۋەتچى خادىملارنىڭ ئىش ئورنىدا بار - يوقلۇقىنى كۆردى. «ھەر كۈنى كىنو كۆرىدىغانلارنىڭ سانى نەچچىگە يېتىدۇ؟ بېلەت كىرىمى قانچىلىك؟ ئادەتتە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇردۇڭلارمۇ - يوق؟» خەلق كىنوخانىسىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: كىنوخانىلار ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تارقاقلاشتۇرۇش يولى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە يورۇتۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى دائىملىق ئۆزى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، خىزمەتچىلەرگە بولغان بىخەتەرلىك تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەدەنىيەت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى كىنوخانىلار لىنىيەسىدىكى كىنولارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، كىنو بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.
تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇھىت تازىلىقى پونكىتىغا كىرىپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى ھەم ھال سوراش بۇيۇملىرىنى بەردى. ئۇ كۆپچىلىككە سوغۇقتىن ساقلىنىشقا، ئىسسىنىشقا دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تاپىلىدى. ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىغا كۆيۈنىدىغان، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، مۇھىت تازىلىقى نەتىجىلىرىنى قەدىرلەيدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: كۆمۈر، توك، ماي، گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. قاتناش، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، بىناكارلىق، سۇ ئېلېكتىرى، بولۇپمۇ ساليۇت - پوجاڭزا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەدەنىيەت - ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىقلارنى ئەنئەنىۋى بايراملار بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇشاللىق ۋە ئىناقلىققا تولغان بايرام كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.