بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يەپ، بەختلىك باھار بايرىمىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش

日期:2024年02月12日
来源:天山网
【字体:

باھار بايرىمى جەم بولۇشقا، قاينام - تاشقىنلىققا ۋە ئۈمىدكە سىمۋول قىلىنغان. جياچېن ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى شىنجاڭدا، شەھەر - بازارلار، مەھەللىلەردىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق يېزا - كەنتلىرىگىچە، مۇلازىمەت سورۇنلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىگىچە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، قوشماقلاشقان كادىرلار ئامما بىلەن بىرلىكتە چۇنليەن چاپلىدى، جۇۋاۋا تۈگدى، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى كۆردى، مۇڭداشتى، كۆپچىلىك خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىللىقلىققا تولغان گۈزەل پەيتتىن خۇشال بەھرىلەندى.

«باھار بايرىمى ھارپىسىدا، پۈتۈن كەنتتىكىلەر بىرلىكتە ھارپا كېچىسى تامىقى يېدۇق، ھەقىقەتەن بەك قىزىپ كەتتى، تاماق ۋە قورۇمىلار مول بولدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.» 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، يەنى باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنى ئونسۇ ناھىيەسى توپخان بازىرى تۆۋەنكى توپخان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت مەتتوختى يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ سىرتقا چىقىپ، قوشنىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ پاراڭلاشقاندا، كەنت تەشكىللىگەن ھارپا كېچىسى تامىقىنى توختىماي تىلغا ئالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تۆۋەنكى توپخان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋېي شىنچاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: باھار بايرىمى ھارپىسى كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان كۈن، بىر يىللىق جاپا - مۇشەققەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت، ئۈمىد ۋە ئارزۇ بىر جوزا ھارپا كېچىسى تامىقىغا مۇجەسسەملەنگەن. شۇڭا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىنى كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىغا تەكلىپ قىلىپ، ياخشى ھوسۇل، ياخشى تىلەك، ياخشى ماكان، ياخشى قېرىنداشلىق مېھرى، ياخشى تۇرمۇش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر جوزا ھارپا كېچىسى تامىقى تەييارلاپ، بىر مەيدان خۇشال، ئىناق، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئاكتىپ قاتناشتى، بەزىلەر ئۆيىدىن مەززىلىك تائاملارنى ئېلىپ كەلدى، بەزىلەر نەق مەيداندا ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى كۆرسەتتى.

«كۆپچىلىك ھەر خىل تەملەرگە ئېغىز تەگدى، تۈرلۈك قورۇمىلارنى تېتىدى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئۇلۇغ ۋەتەندىن مىننەتدار بولدى، بۇ، <بەختنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ>غانلىقىنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ؟» دېدى ۋېي شىنچاڭ سۆز قىلغاندا.

«توغرا دېدىڭىز» «ياخشى دېدىڭىز»... كەنت ئاھالىلىرى گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.

باھار بايرىمى ھارپىسىدا، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلدەن بازىرى ئەرشىلدەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى رەيھانگۈل تۇرغۇن كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە جۇۋاۋا تۈگدى. «جۇۋاۋا جەم بولۇش ۋە بەختنىڭ سىمۋولى، بىز باھار بايرىمى ھارپىسىدا جۇۋاۋا تۈگۈپ، جۇۋاۋا يەيمىز، بۇ، كېلەر يىلنىڭ بەختلىك، گۈزەل بولىدىغانلىقىنىڭ سىمۋولى. 2023 - يىلى، كەنتىمىز مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇپ باھالاندى، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلەندۇق. ئىشىنىمەنكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەنتىمىز بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ!» دېدى رەيھانگۈل تۇرغۇن.

باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىدىكى كادىرلار تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ يەكەن ناھىيەسى ئىشقۇل يېزىسى قاتارلىق يېزا - بازارلارغا بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا يېڭى يىللىق سوۋغا بېرىش ۋە بەخت تىلەش بىلەن بىللە، يەنە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سىياسىتى ۋە مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئاممىغا يەتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

«تۇغقىنىم ۋاڭ دۇڭ ھەر قېتىم كەلگەندە، ئائىلىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ بىزگە مەركەزنىڭ بۇ يىلقى 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلار توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ بەردى، ئاڭلاپ نۇرغۇن ھاسىلاتقا ئېرىشتىم» دېدى ئىشقۇل يېزىسى ئوغلان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بەختىخان قاسىم.

ۋاڭ دۇڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، باھار بايرىمى ھارپىسىدا، ئۇ بەختىخان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىگەندە، يەنە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلدى. ۋاڭ دۇڭ مۇنداق دېدى: بەختىخاننىڭ ئىككى ئوغلى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇ بىرنەچچە يىلدا ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇلتۇر بېھىدىن مو بېشىغا ئاران 80 كىلوگىرام ھوسۇل ئالغانلىقىنى بىلگەندە، ۋاڭ دۇڭ ئۇنىڭغا ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن چوقۇم ئەلا سورتنى ئۇلاش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى ھەم ئۇنىڭغا باغۋەنچىلىك تېخنىكلىرىنى تونۇشتۇردى.

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەتىگەندە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى چىغان جىگدە يېزىسىنىڭ تېخنىكى ئېرلان ئەنۋەر «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى چوڭ سوۋغات سومكىسى»نى تەييارلاپ، بۇ يېزىنىڭ بۆلەكتۆبە كەنتىدىكى باقمىچى تېلۆۋبېك سامىخنىڭ ئۆيىگە باھار بايرىمىنى مۇبارەكلەپ كەلدى.

«مەن سىزگە باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە سوۋغا ئېلىپ كەلدىم.» ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئېرلان «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى چوڭ سوۋغات سومكىسى»نى ئېچىپ، تېلۆۋبېكقا ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قاتارلىق ئالاقىدار ساۋاتلارنى يۈزتۇرا چۈشەندۈردى ھەم تېلۆۋبېكنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىدىكى ئوت ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلىشىنى تاپىلىدى. بۇ يىل، تېلۆۋبېك باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، ئېرلاننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.

(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن لىڭ، جياڭ چۇڭخەي، مۇقىيىت بىيەن)