导航切换

باھار بايرىمىنىڭ بىرىنچى كۈنى بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەش

日期:2024年02月12日
来源:天山网
【字体:

باھار بايرىمىلىق ئىستېمال بىر يىللىق ئىستېمالنىڭ يۆنىلىش بەلگىسى. ئەجدىھا جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدە بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى، جياچېن ئەجدىھا يىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىمۇ ئەجدىھا كۆكتە پەرۋاز قىلغاندەك بىراقلا جانلىنىپ، تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرەمدۇ - يوق؟ 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى باھار بايرىمىنىڭ بىرىنچى كۈنى، شۇنداقلا باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى، مۇخبىر ئۆيىدىن چىقىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرىكى، يېمەك - ئىچمەك داكا نۇقتىسى، مۇز تېيىلىش، قار تېيىلىش مەيدانى، ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئىستېمال بازىرىدىكى قىزغىنلىقنى ئىگىلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرەكلىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان داڭلىق ماركىلىق كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسى ئەجدىھا توتېمى، بەخت خېتى، پانۇس، پوجاڭزا، جۇڭگو تۈگۈچى قاتارلىق قۇت نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن ئەجدىھا يىلى باش تېمىسى پاسونىدىكى كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان ئورۇنغا تىزىپ قويغانىدى.

ماميەن قاتلاق يوپكىسى كىيىۋالغان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى شياۋچۇن ئۈرۈمچى CCMALL دەۋر مەيدانىدىكى بىر دۇكاندىن ئەجدىھا توتېمى بار بىر خىل چاچ قىسقۇچنى تاللىدى.

«كىيىمىمگە ماسلىشىدىكەن، بايرام خۇشاللىقى ھەم جۇڭگوچە تۈس چىقىپ تۇرىدىكەن» دېدى لى شياۋچۇن.

ھازىر، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى سودىغا مەسئۇل تارماقلار ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانا، جەمئىيەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، ئىستېمال بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە باھادا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتوموبىل، تەييار ماي قاتارلىقلاردا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

سانجى خۇيجيا شىدەي مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ 103 كىنو باغچىسىدا كىنو كۆرگۈچىلەر كۆپ بولۇپ، «ئوتتەك قىزغىنلىق» «20 - ماددا» «قىزىل گىلەمدىكى ئەپەندى» قاتارلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان نۇرغۇن كىنو قويۇلۇۋاتاتتى.

«كىنوخانىمىزنىڭ خېرىدار ئېقىم مىقدارى بۇلتۇرقى باھار بايرىمىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %40 ئەتراپىدا ئاشتى.» خۇيجيا شىدەي سانجى رايونىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ما جىرۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە كىنوخانىمىز ھەركۈنى سائەت 10دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 2گىچە تىجارەت قىلىدۇ. ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ ياخشى تۇيغۇ بېرىش ئۈچۈن، سودا سارىيىمىزمۇ «ئەجدىھا يىلىدا ئامەتكە ئېرىشىش» «ھەييارلار كاتتا مەرىكىسى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى، دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ بىرىنچى كۈنىلا سودا سارىيىمىز خېرىدار ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى.

«باھار بايرىمى مەزگىلى»دىكى ئىستېمال تۈگۈنىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرەكلىرى، نۇقتىلىق سودا كوچا رايونلىرى، چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىلىرى «باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە ئېتىبار پائالىيىتى» «باھار بايرىمىلىق بازار» «باھار بايرىمىلىق ئۆرپ - ئادەت پائالىيىتى»نى چۆرىدەپ ئاساسىي تېمىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

تىجارەت باشلىغىلى ئۇزاق بولمىغان ئۈرۈمچى يۈنشەن . چېڭشى ئوۋلەي خېرىدار ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ بىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى، بۇ يەردە دۇكانلارنى ئايلانغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە توردا ئالقىشلانغان داكا تېمى بار بولۇپ، نۇرغۇن ئىستېمالچىلار بۇ يەردە سۈرەتكە چۈشۈپ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ، نۇرغۇن دوستلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يۈنشەن . چېڭشى ئوۋلەينىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى جاڭ شيەنرۇي مۇنداق دېدى: سودا سارىيىمىز ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ھاياتىي كۈچكە تولغان مال سېتىۋېلىش بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، ئەسلىدە ئانچە چوڭ بولمىغان بوشلۇققا تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى سىڭدۈرۈپ، بىر قەدەمدە بىر مەنزىرە ئارقىلىق، خېرىدارلارغا ئوخشاش بولمىغان تەسىرات تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.

دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى، ئۈرۈمچىدە يېمەك - ئىچمەك ئاشخانىلىرىنى ئالدىن زاكاز قىلىش قىزىپ كەتتى. ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولىغا جايلاشقان ھەردەمباغ يېمەك - ئىچمەك مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسىدە تائاملارنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالماقتا ئىدى.

«سائەت 1دىن باشلاپ كەچلىك تاماق ۋاقتىغىچە، تاماق يەيدىغان مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.» شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك - ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇكېرىم تەلئەت مۇنداق تونۇشتۇردى: ئايرىمخانىلار ئون كۈن ئىلگىرىلا پۈتۈنلەي ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولدى، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى تەسىرات بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ھەردەمباغ يېڭى - يېڭى قورۇمىلارنى چىقاردى، يەنە جۇغلانما نومۇرغا پايدا قايتۇرۇش، تاماق زاكاز قىلسا جۇۋاۋا سوۋغا قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى.

سىرتقا چىقىپ تاماق يېيىشنى تاللاشتىن باشقا، «ئاشپەزنى ئۆيگە چاقىرتىش» ئەندىزىسىمۇ نۇرغۇنلىغان ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشى بولۇپ قالدى.

«ئالدىنقى ئىككى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل باھار بايرىمىدا ئاشپەزلەر ئۆيگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش كەسپى زور دەرىجىدە جانلاندى.» بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئاشپەز شى يۈخۇڭ بىلەن ئالدىن كېلىشىش ئۈچۈن ئۇرۇلغان مەسلىھەت سوراش تېلېفونى ئۈزۈلمىدى، ئۇنىڭ كوللېكتىپىنىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت زاكازى توشۇپ كەتتى.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى، قار - مۇز پائالىيىتى ناھايىتى قىزىپ كەتتى. ھەرقايسى چوڭ باغچىلاردىكى مۇز تېيىلىش مەيدانلىرى ۋە قار تاماشا قىلىش شادلىق باغچىلىرىدا ئادەم ئېقىمى مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.

كانكى تېيىلىش، مۇز ئۈستى سوقما ماشىنىسى، قار تېيىلىش چاقى، مۇز ئۈستىدە ۋېلىسىپىت مىنىش... مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدىكى مۇز تېيىلىش مەيدانىغا كەلگەندە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى تۈرلۈك قار - مۇز تۈرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى.

«بالىلارنى ئېلىپ شەھەر رايونىدىلا قار - مۇزدا ئويناش خۇشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جېڭ فېي.

تەسىرات شەكلىدىكى ئىستېمال باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرىنىڭ شيەنلەي كىچىك بازىرىدىكى نەنسەن دېڭىز دۇنياسى دېڭىز - ئوكيان باغچىسىدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى «دېڭىز ئاستى دۇنياسى»غا كىرىش ئېلىپ كەلگەن خىيالىي تۇيغۇنى ھېس قىلدى.

شيەنلەي كىچىك بازىرى نەنسەن دېڭىز دۇنياسى دېڭىز - ئوكيان باغچىسىنىڭ مەسئۇلى يەن تىڭۋېي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئېچىۋېتىلگەن ھېس قىلىش رايونىدىكى سۇ چوڭقۇرلۇقى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، سۇ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، سالقىن سۈنئىي دېڭىز سۈيى ئىچىدە تۇرغاندا، ساياھەتچىلەر «ئالەم بوشلۇقىدا سەيلە قىلىش»تەك ئاجايىپ تۇيغۇنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ لەرزان ئۇسسۇلىدىن يېقىن ئارىلىقتا ھۇزۇرلىنىپ، «دېڭىز ئاستى دۇنياسى»نى بەھۇزۇر سەيلە قىلالايدۇ.

توردا ئىزدەش، ئىزدەش تاماملانغاندىن كېيىن قارار چىقىرىش، تور سىرتىدا ئىستېمال قىلىش، ھېس قىلىش، ۋاقتىدا بەھرىلەش، مۇشۇنداق «توردا زاكاز قىلىپ، تور سىرتىدا دۇكانغا بېرىش» ئەندىزىسى ياشلارنىڭ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق ئىستېمال شەكلىگە ئايلاندى.

توردا تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگوۋ بازىرىدىكى لېيې ئائىلىۋى مېھمانخانىسى باھار بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنى يەنە خېرىدار ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى.

«ياتاقلارنىڭ ھەممىسى زاكاز قىلىنىپ بولدى.» ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ مەسئۇلى جوۋ چېڭ مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ ياخشى تەسىرات بېرىش ئۈچۈن، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئىككى لېيې ئائىلىۋى مېھمانخانىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا گۈلخان كېچىلىكى، يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.