يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا پۈتۈن زېھنى بىلەن كاپالەتلىك قىلىش

日期:2024年02月11日
来源:天山网
【字体:

− ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىكى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا كېلىپ، ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقان يولۇچىلارنىڭ چوڭ - كىچىك سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاۋىياتسىيە بىناسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغانلىقىنى، ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە يولۇچىلارنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەنلىكىنى كۆردى.

«بوۋا، سىزنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىڭىزغا بۇ ئاۋىياتسىيە بىناسىدىن چىققىلى بولمايدۇ، مەن ھازىر سىزنى ئاپىرىپ قوياي.» «ئەنسىرىمەڭ، ئايروپىلانغا چىقىشقا كېچىكىپ قالمايسىز، مەن سىزنى ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى ئاپىراي.» ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا، قىزىل جىلىتكە كىيىۋالغان پارتىيەلىك پىدائىي − ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى مۇلازىمەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى كومىتېتى (ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونى باشقۇرۇش بۆلۈمى)نىڭ خىزمەتچى خادىمى دېڭ يۈەنيۈەن ياردەمگە ئېھتىياجلىق يولۇچىلارغا ئەستايىدىل مۇلازىمەت قىلىۋاتاتتى.

«باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، نەچچە ئون پارتىيەلىك پىدائىي ئاۋىياتسىيە بىناسىدا يولۇچى ئېقىمى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىلدە نۆۋەتچىلىك قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى دېڭ يۈەنيۈەن.

مۇخبىر ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ كىرىش - چىقىش ئېغىزى، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆز ئالدىغا بېجىرىش ئۈسكۈنىسى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزى قاتارلىق ئادەم زىچ توپلاشقان جايلاردا، پارتىيەلىك پىدائىيلارنىڭ يولۇچىلارنى يېتەكلەش، مەسلىھەت بېرىش، يول لىنىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى كۆردى. ياشانغانلار، بالىلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىدىكى يولۇچىلارنى ئۇچراتقاندا، پارتىيەلىك پىدائىيلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى كۆتۈرۈشى، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە ياردەم بەردى.

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچقان - قونغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 512 ئايروپىلان قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، پورتتىن كىرگەن - چىققان يولۇچىلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ھەربىر نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق ئۇچۇشى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئۈن - تىنسىز ئىشلەۋاتقان خىزمەتچى خادىملاردىن ئايرىلالمايدۇ.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان ئاسراش، رېمونت قىلىش، ئايروپىلان ئىشلىرى خادىمى تاڭ فۇ ئايروپورتتا خىزمەت قىلغان ئالتە يىلدا، ھەر يىلى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى. خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ دائىم ئايروپىلان «دەم ئالغان» ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئايروپىلاننىڭ «سالامەتلىكى»نى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرىدۇ. ھەربىر كىچىككىنە كاشىلىمۇ ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، كاشىلىنى تەكشۈرۈپ تاپقان ھامان، دەرھال بىرىنچى ۋاقىتتا «رېتسېپ يېزىپ كېسەلنى داۋالاش»قا توغرا كېلىدۇ. «ھەربىر يولۇچىنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىنى قوغداش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم» دېدى تاڭ فۇ.

مۇز تازىلاش، مۇز تۇتۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەشغۇلاتى ھەربىر نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بىخەتەر ئۇچۇشى - قونۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەربىر يولۇچىنىڭ تىنىچ - ئامان سەپەرگە چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ھەربىر ئايروپىلاننىڭ «مۇز، قار، قىرو» قاپلىمىغان ھالەتتە ئۇچۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

كۆپچىلىك بەلكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئارقىسىدا يەنە مۇنداق بىر توپ كىشىلەر بار، ئۇلار ھەربىر ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى دەل جايىدا ھېسابلاپ، ئايروپىلاندىكى يولۇچى، يۈك، پوچتا يوللانمىسى، يۈك - تاقلارنىڭ ئورنىنى مۇۋاپىق، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئايروپىلان ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى ئىچىدە بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئايروپىلاننىڭ مەنزىلگە بىخەتەر يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئۇلار دەل يۈك تەقسىملەپ قاچىلاش خادىملىرىدىن ئىبارەت.

«باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچىلار ۋە يۈك - تاقلار بىرقەدەر كۆپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھاۋارايى ياخشى بولمىغاچقا، يۈك قاچىلاش چەكلىمىسى قاتتىق، چوقۇم يۈك قاچىلاش مىقدارى ۋە ئېغىرلىق مەركىزىگە دىققەت قىلىش كېرەك!» 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يەر يۈزى مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بۆلۈمى يۈك تەقسىملەپ قاچىلاش ئىشخانىسىدىكى شيې جېڭنى ئۇچراتقاندا، ئۇ بىر تەرەپتىن شاگىرتىنىڭ مەشغۇلات جەريانىنى كۆزەتسە، بىر تەرەپتىن مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتاتتى.

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۈك تەقسىملەپ قاچىلاش ئىشخانىسى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 180 نۆۋەت ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، شيې جېڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى يەنە پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، قەھرىتان سوغۇقتىن قورقماي، ھېرىپ - چارچىدىم دېمەي، يۈك - تاقلارنى بىر - بىرلەپ ئايروپىلانغا قاچىلىدى، بىر ئايروپىلانغا قاچىلاپ بولۇپ يەنە كېيىنكى بىر ئايروپىلانغا يۈك قاچىلاشقا قاتناشتى. 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىلا، شيې جېڭ قاتنىشىپ قاچىلىغان - چۈشۈرگەن يۈك - تاقلارنىڭ ئېغىرلىقى 1.2 توننىغا يەتتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «گەرچە بەك ھېرىپ، بەك توڭلاپ كەتكەن بولساممۇ، لېكىن بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يۈك - تاقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم قاچىلىغانلىقىمنى ئويلىسام كۈچلۈك مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ھېس قىلىمەن».