شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

日期:2023年11月19日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي، ۋاڭ گۇاڭخۇا سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى


11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر، دۆلەت تەبىئىي بايلىق باش نازارەتچىسى ۋاڭ گۇاڭخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىسۈي جىجيەنفوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا دىققەت شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرى قوبۇل قىلىندى، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلىكى ۋە رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر، دۆلەت تەبىئىي بايلىق باش نازارەتچىسى ۋاڭ گۇاڭخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى، بىڭتۇەن تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئالتاي ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۈرۈمچى تەبىئىي بايلىق ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەركىزى، شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش ـ ئېچىش گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى غەربىي شىمال نېفىتلىك شۆبە شىركىتى، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتى، زىجىن كانچىلىق گۇرۇھى غەربىي شىمال چەكلىك شىركىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىش تەدبىرى، ئۈنۈمى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت يۆنىلىشىنى تونۇشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلار پىكىر ئالماشتۇردى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: قېزىلما بايلىق قاتارلىق مۇھىم بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا تاپشۇرغان مۇھىم ۋەزىپە. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، شىنجاڭنىڭ كان ئىزدەش ھەرىكىتىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. شىنجاڭدا ئېنېرگىيە بايلىقى مول توپلاشقان، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەت، بۇرچنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى تېز يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق ۋە ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش ـ ئېچىش زاپاس رايونى، ئىستراتېگىيەلىك داۋاملاشما رايونىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، مۇھىم ئېنېرگىيە بايلىقى زاپىسىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. كانچىلىقتا تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپىنى پائال بەرپا قىلىپ، سىجىل مەبلەغ سېلىش، سىجىل بايقاش، سىجىل چارلاپ تەكشۈرۈش، سىجىل بۆسۈش ھاسىل قىلىشتەك ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش ۋە يەر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق مۇھىم بايلىقلارنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ سىياسەت مەدىتى بېرىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىغا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ گۇاڭخۇا مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، كانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى زور. شىنجاڭ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى كۈچەيتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى، بۇ يەنە ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش، قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش، چارلاپ تەكشۈرۈش بويىچە پەن ـ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، پايدىلىنىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ـ خىمىيە سانائىتى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى بوشلۇقى ۋە يەر ئىشلىتىش كاپالىتىنى كۈچەيتىدۇ. شىنجاڭ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل كانچىلىقنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش ـ ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زاپىسىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك تىرەك بولۇشى كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، شۆ بىن، مەردان مۇقىيىت، خا زېڭيوۋ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى جايلارنىڭ تەبىئىي بايلىق باشقۇرۇش تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئالاقىدار گېئولوگىيەلىك چارلاش ئورۇنلىرى، گېئولوگىيەلىك چارلاش كارخانىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.