ما شىڭرۇي، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكىلەرنى «مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى، كۇرسقا مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى شەھەر ـ يېزا ئىقتىسادى ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دۇڭ يەنلىڭ، ھۆكۈمەت ئىقتىساد باشقۇرۇش ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى خۇڭشيۇ، جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى سۈن تيەنچى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ يىغىن روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جىڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى.
تەربىيەلەشتە، دۇڭ يەنلىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇھىملىقى ھەم پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تۈزۈم كاپالىتى ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چۈشەندۈردى. شى خۇڭشيۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ۋە قىيىن ئەھۋال، ئىزدىنىش ۋە ئىستىقبالى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە مەبلەغ سېلىش ئىسلاھات تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۈشەندۈردى. سۈن تيەنچى سىنلىق دەرس ئۆتۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چۆرىدەپ ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى ھەم كونكرېت ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەربىيەلەش كۇرسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئىلمىي ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى تۇتۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چىڭ كۆزلەپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە تەشكىلىي سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ گاڭ ئايرىم ـ ئايرىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يۈسۈپجان مەمەت، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، لى يۇڭخۇڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىگە ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار قارىمىقىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەم قارىمىقىدىكى رايون، ناھىيەدىكى ئالاقىدار يولداشلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرى، تۇەن ـ مەيدانلىرىدىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكى ھەم كۈندىلىك خىزمەت، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشلار ھەرقايسى جايلاردىكى شۆبە يىغىن مەيدانىدا قاتناشتى.