شىنجاڭدا پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى

日期:2023年11月19日
来源:天山网
【字体:

يازلىق ئاشلىق كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى، قوناق تېرىلغۇ كۆلىمى %30 ئاشتى

شىنجاڭدا پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭنىڭ كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان بولۇپ، 22 مىليون مودىن ئارتۇق يەردىكى ئاساسلىق كۈزلۈك ئاشلىق زىرائىتى بولغان قوناق يىغىۋېلىنغان. كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشقان.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چۆرىدەپ، تېرىلغۇ كۆلىمىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئېڭىزغا تېرىش كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، پۈتۈن كۈچ بىلەن كۆلەمنى كېڭەيتتى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى (ئاساسلىقى بۇغداي) 18 مىليون مودىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 800 مىڭ موغا يېقىن كۆپىيىپ، مەملىكەت بويىچە كۆپەيگەن يازلىق ئاشلىق كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %67ىنى ئىگىلىدى، كۆلەمنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى. ئاساسلىق كۈزلۈك ئاشلىق زىرائىتى بولغان قوناق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 5 مىليون مودىن ئارتۇق كۆپىيىپ، %30كە يېقىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «كۆلەمنى كېڭەيتىش» ئاساسىدا، شىنجاڭ يەنە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى ۋە قوناق مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ يولغا قويۇپ، 15 ناھىيە، شەھەردە بۇغداي، قوناق، دادۇر ۋە ياغلىق دان زىرائەتلىرىدە يېشىل، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق، ياغلىق دان ھوسۇلىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»نىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى. غۇلجا ناھىيەسىدىكى تۇتاش كەتكەن 1000 مو كۈزگى بۇغداينىڭ ھەر 100 موسىدىن ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان بىرلىك ھوسۇل 782.9 كىلوگىرام بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇل ئەڭ يۇقىرى رېكورتى يېڭىلاندى. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى كۈزگى بۇغداي سىناق ئېتىزىدىن ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان بىرلىك ھوسۇل 880.3 كىلوگىرام بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بىرلىك ھوسۇل ئەڭ يۇقىرى رېكورتى يېڭىلاندى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا قوناقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 1545.94 كىلوگىرام، 1427.66 كىلوگىرام، 1300.67 كىلوگىرام بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 100 مو، 1000 مو، 10 مىڭ مودىن ئىبارەت ئۈچ تۈردە يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى يېڭىلاندى.

كۈزلۈك يىغىم خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى خىزمەت لايىھەسىنى ئالدىن تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغۇچى ئىككى تەرەپنى مەشغۇلات زاكاز توختامى ئىمزالاشقا تەشكىللەپ، يىغىش ماشىنىلىرىنى ئېتىزدا مەشغۇلات قىلىشقا ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوناقنى ۋاقتىدا يىغىش، كۈزگى بۇغداينى مۇۋاپىق مەزگىلدە تېرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھوسۇل يىغىش ماشىنىسىنىڭ تەييارلاش، تەڭشەش ۋە رايون ئاتلاپ مەشغۇلات قىلىشىنى ياخشى ئىشلەپ ھەم كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇلازىمەت، يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىدىكى ئېتىز ـ ئېرىق پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرىي ھېسابلاش ئارقىلىق، بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى تەخمىنەن 20 مىليون توننا(04 مىليارد جىڭ)دىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئەمەلىيەتتە 2 مىليون توننا(4 مىليارد جىڭ)دىن كۆپرەك ئېشىشى مۆلچەرلەندى.