شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 478 مىليارد 634 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 145 مىليارد 434 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.8 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 906 مىليون يۈەن بولغان.
ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرى جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 78 مىليارد 342 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا، ئاپتونوم رايون GDPسىنىڭ تەخمىنەن %5ىنى ئىگىلىگەن. ئۈچ كەسىپكە ئايرىپ قارىغاندا، 1 ـ كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3 مىليارد 415 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %196 ئاشقان؛ 2 ـ كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 31 مىليارد 198 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 تۆۋەنلىگەن؛ 3 ـ كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 43 مىليارد 729 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشقان.
«شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلساق، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي پايدىسى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولۇپ، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر زوۋ يىۋېي.
1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 21 مىليارد 513 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %64 ئاشقان؛ جەمئىي پايدىسى 1 مىليارد 145 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زىياننى تۈگىتىپ ئاشۇرغان پايدا 1 مىليارد 509 مىليون يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى %60 ئاشقان، پايدا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئاشقان پايدىسى 2 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولغان.
بازار باھاسى ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن، ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كىرىم ئۈنۈمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كىرىمى، پايدىسى كېمەيگەن.
ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى سودا كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى 1 مىليارد 165 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشقان، سودا كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي پايدا نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، تىجارەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىدە ئۆسۈش بولغان.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش كارخانىلىرى قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتتى، كەسىپلەرنىڭ ئومۇمىي يۈرۈشۈشى ياخشى بولدى، ئەمما ساھەلەرگە ئىنچىكە ئايرىغاندا ئۈنۈمنىڭ بۆلۈنۈشى بىرقەدەر چوڭ بولدى. 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، پۈتۈن ساھەنىڭ جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 46 مىليارد 173 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشتى، جەمئىي پايدىسى 2 مىليارد 352 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئاشتى. قۇرۇلۇش قىلىش ساھەسىگە ئايرىپ قارىغاندا، تاشيول قۇرۇلۇشى بىناكارلىق كەسپىنىڭ ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولدى، ئۆي ـ ئىمارەت قۇرۇلۇشى كەسپى بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى.
بۇ يىل، مۇلازىمەت كەسپى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى، كۆپ قىسىم كەسىپلەردە كىرىم، ئۈنۈم ئېشىپ، مۇقىم ئېشىش ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلاندى. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى يۇقۇم تۆۋەن تۈپ سانى بىلەن مۇلازىمەت كەسپى كىرىمىنىڭ ھەجىمى چوڭ بولۇش، ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولۇشنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدە، 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1 ئاشتى، پايدا ئومۇمىي سوممىسى %110 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت كەسپى، مەبلەغ سېلىش ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش كەسپى، قاتناش ـ تىرانسپورت كەسپى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق كەسىپلەردە كىرىم ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، شىنجاڭدىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئەمەلىي گەۋدە كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئۇدا ئالتە ئاي مۇسبەت ئېشىشنى ساقلىدى، ئېشىش سۈرئىتى تەكشى، مۇقىم بولدى. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنما سالمىقى زورايدى. تۈر سېلىنمىسىنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى ئۆسۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشتى.