پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 10 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ يىل شىنجاڭ جەمئىي 6969.2 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساپ، پۈتۈن يىلدا 6000 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساش نىشان ـ ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۇ جىفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى «<تۆتتە ياخشى يېزا يولى>نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى 2023 ـ يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا تاشيولى سېلىنمىسىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ھەرىكەت لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى؛ تۈرلۈك مەبلەغلەرنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ بۆلەك رايون نەق مەيدان يىغىنى، سىن يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، 10 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 6969.2 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالدى، 166 خەتەرلىك كۆۋرۈكنى ئۆزگەرتىش تاماملاندى، 5269.8 كىلومېتىر كەنت يولىدا بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى.
«شىنجاڭدىكى يېزا تاشيوللىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە بەلگىلىك كەمتۈكلۈكلەر ساقلانغان.» گۇ جىفېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك قاتناش ـ تىرانسپورت تارماقلىرى يېزا تاشيولى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا تاشيولىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا تاشيولىنىڭ تىجارەت ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ 2025 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يېزا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسىنى 157 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىكى تۇتقا قىلىپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى سىجىل بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ، يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش ـ تىرانسپورت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. 2022 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ يېزا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 151 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، ناھىيە بازىرىنى مەركەز، يېزا ـ بازارلارنى تۈگۈن، ئىشتاتلىق كەنتلەرنى تور نۇقتىسى قىلغان يېزا تاشيول تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، يېزا تاشيوللىرىنى كەنت، يېزا، دېھقان ئائىلىلىرىگە تۇتاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۈنسېرى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدىغان تەرەققىيات يولى، بەخت يولى، بېيىش يولىغا ئايلاندى.