مالتا ئىشچىلار پارتىيەسى ياش كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولدى −
جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ جىڭيى
«جۇڭگو شىنجاڭ ناھايىتى گۈزەل، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان، بىز كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەمبەھرىلەيمىز.» 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، شىنجاڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان مالتا ئىشچىلار پارتىيەسى ياش كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس ـ بەستە شۇنداق بىلدۈردى.
11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە، مالتا ئىشچىلار پارتىيەسى ياش كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى يىرىك پىلان سارىيىدا، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
مالتا ئىشچىلار پارتىيەسى ئىنتېرناتسىيونالىنىڭ شۇجىسى مارك بېرنىچ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇپ، تەڭداشسىز ئورۇن ۋە رولغا ئىگە. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد زور، پۇرسەت چەكسىز.
باش قىش ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىدا قىزغىنلىق يەنىلا پەسەيمىگەنىدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ ـ ئادەت ساياھەت رايونى، غۇلجا شەھىرى ئالتە شوئار كوچىسىدا ئادەملەر مىغ ـ مىغ بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان تۈرلۈك تاۋارلار، ھىدى تارقىلىپ تۇرغان مەززىلىك تائاملار، نەپىس ناخشا ـ ئۇسسۇللار تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەزالىرىنى قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەت تارتىشقا جەلپ قىلدى.
جۇڭگو ـ قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قورغاس جۇڭگو مەدەنىيەت سارىيىدا، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر موي قەلەمدە خەت يېزىشنى ئۆگىنىپ، خەنفۇ كىيىمى كىيىپ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە ـ يوسۇنلىرىنى ئۆگىنىپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان ھېرىسمەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
«جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تولىمۇ جەلپكارلىققا ئىگە ئىكەن!» مالتا ئىشچىلار پارتىيەسى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باش شۇجىسى مارىيە ئېللۇر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جەلپكارلىققا تولغان جاي ئىكەن، بۇ جايدا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت جۇغلانغان، خەلق قىزغىن، مېھماندوست ئىكەن. بىز تىنچ ـ ئىناق، گۈللەپ ياشناۋاتقان شىنجاڭنى ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوستلىرىمىزغا تونۇشتۇرىمىز.
تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر يەنە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى يوپۇقى ئېچىلغانلىقىنى، ئۈچ بۆلەك رايون ئىچىدە قورغاس بۆلەك رايونىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىگىلىدى. مالتا ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان كىركوپ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى تېررېنسې ئاگىئۇس مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەت ـ ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ كۈچلۈك ئىقتىساد ئېلاستىكلىقى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.
تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر يەنە «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ساھەسىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى؛ شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ۋەن تۇڭشۇ مۇقام ھۆججەت ـ ئەسەرلىرى سارىيى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سۇنجاچى نېرۇ بازىرى شىبە قەدىمىي شەھىرى، چاپچال گېزىتخانىسى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى؛ غۇلجا شەھىرىدىكى شەنشى چوڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىپ، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى؛ چاپچال بازىرى ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت مەزگىلىدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت، ساياھەت، مىللەت، دىن، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك، خاتىرجەم ئىكەن، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. مالتانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىزچىل ئىنتايىن دوستانە، جۇڭگو، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.