​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە بېيجىڭ، خېبېيدا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

日期:2023年11月18日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى​

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە بېيجىڭ، خېبېيدا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

​يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى​

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشى لۈلياڭ كۆمۈر كېنى ئىشخانا بىناسىدا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ۋەقەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە بېيجىڭ، خېبېيدا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سەنشى لۈلياڭ كۆمۈر كېنى ئىشخانا بىناسىدا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ۋەقەسى بىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشىمىز ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. چوڭ ئېھتىماللىق تەپەككۇرى ئارقىلىق كىچىك ئېھتىماللىق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆمۈركانلار، يول قاتنىشى، ئىمارەتلەرنىڭ ئوت مۇداپىئەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلاردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى كۆزلەپ چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، ئالاقىدار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىر ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىشى، بولۇپمۇ ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى توسۇقىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، خىزمەتكە كۈچىمەسلىك سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى، باش شۇجى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى، بۇ قېتىم يەنە بېيجىڭ، خېبېيغا چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، چوڭقۇر خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى ھەقىقىي تۈردە يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش قاتارلىق زور گېئوئاپەت، قار - شىۋىرغان قاتارلىق مېتېئورولوگىيە ئاپىتى يۈزبېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مەركىزىي كومىتېتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشىدىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى مەھكەم ئىگىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال سىڭىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياۋروپا - ئاسىيا قۇرۇقلۇق ئەشيا ئوبوروتى مۇھىم تۈگۈنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تاشقى سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ تاشقى خىزمەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي يول بولۇشتەك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پائال سۇپا بەرپا قىلىپ، يولنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلقئارا جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپى، پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، دۆلەت ۋە رايون تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.