ما شىڭرۇي بەردىمۇھەممەدوف ۋە مېرېدوف بىلەن ئايرىم - ئايرىم سۆھبەتلەشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئاشخاباد، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى، 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئۇچرىشىش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تۈركمەنىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قاتلامغا كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدى.
11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ما شىڭرۇي ئاشخابادتا تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مېرېدوف بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى، پىكىر ئالماشتۇردى. ما شىڭرۇي بەردىمۇھەممەدوفقا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سالىمى ۋە تىلىكىنى يەتكۈزدى. ما شىڭرۇي سۆھبەتتە مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ بەردىمۇھەممەدوفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىككى تەرەپ قاتلىمىدىن ئەمەلدە كۆرسىتىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. تۈركمەنىستان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ئوبيېكتى. جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ دوستانە ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، پۇختا ئەمەلىيلەشتى، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ۋە 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەردە بىر قاتار ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈركمەنىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ھازىر، جۇڭگو شىنجاڭ رەئىس شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە ئاساسەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشى مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، بۇ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ سۇپا ۋە بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش»ى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئېچىۋېتىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايمىز.
تۈركمەنىستان تەرەپ جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى قارشى ئالدى، بۇ قېتىمقى زىيارەت تۈركمەنىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈركمەنىستاننىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە پائال كۈچ قوشىدۇ، دەپ قارىدى. تۈركمەنىستان تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر تۈركمەنىستان - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلاملاردا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورناتقان يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە قويۇق شەخسىي دوستلۇق، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى يېقىن مەيدانى ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالاقىسى، ھەمكارلىقى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. تۈركمەنىستان تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى پائال قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم ئالقىشلايدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان قويۇق ئالاقە ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، سودا، ئېنېرگىيە، داۋالاش، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىق شەكلىنى بېيىتىپ، ھەمكارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تۈركمەنىستان - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
زىيارەت مەزگىلىدە، زىيارەت ئۆمىكى تۈركمەنىستاننىڭ قاتناش، مائارىپ قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو نېفىتى (تۈركمەنىستان) ئامۇخې تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ مۇقىم توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، جۇڭگونىڭ تۈركمەنىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چيەن نەيچېڭ پائالىيەتكە قاتناشتى