ما شىڭرۇي، جاڭ گۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي پائالىيەتكە قاتناشتى
9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون بىلەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىسۈي جىجيەنفوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى، ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون بىلەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچىدە خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جاڭ گۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي سۆھبەتكە ياكى ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي سۆھبەتتە مۇنداق دېدى: ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتماقتا. تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشى ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇشى تيەنجىننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. تيەنجىن باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كەسىپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. تيەنجىن بىلەن شىنجاڭ دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئوخشاشلا مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تيەنجىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان چوڭ شەھەر بەرپا قىلىش، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز پۇختا قەدەم تاشلاپ، يېڭى ھەمكارلىق پۇرسىتىنى كۈتۈۋالماقتا. ئىككى تەرەپنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بايلىق، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خاس كەسىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
جاڭ گۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ھازىر، تيەنجىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تيەنجىن خىزمىتى توغرىسىدىكى «ئۈچكە كۈچەش» مۇھىم تەلىپى ۋە بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق «ئون تۈرلۈك ھەرىكەت»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، تيەنجىننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، دىققەتنى خوتەن ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 11 ـ شىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەقلىي كۈچ جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.
شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇربان تۇلۇم مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسىپلەر باغچىسى، جىنكېن چارۋىچىلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە چارۋىچىلىق كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ۋە چىرا ناھىيەلىك 1 ـ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە بىڭتۇەن دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى؛ بىڭتۇەن 11 ـ شى جيەنزى گۇرۇھىغا كېلىپ، كەسىپ ھەمكارلىقى، ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم بېرىش ـ يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.
تيەنجىن شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن جاڭ لىڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ شۆبىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.