«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» بويىچە شىنجاڭ باش تېما زىيارەت پائالىيىتى باشلاندى

日期:2023年09月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» بويىچە شىنجاڭ باش تېما زىيارەت پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە باشلاندى.

بۇ يىل 5 ـ ئايدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار ۋە ئالاقىدار يەرلىك تاراتقۇلارنى تەشكىللەپ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» بويىچە باش تېما زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈركۈم بويىچە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئىشقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولىدىغان تەجرىبە، ئۇسۇل ۋە گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىلارنى قېزىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

كېيىنكى سەككىز كۈن ۋاقىت ئىچىدە، مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار، يەرلىك تاراتقۇلاردىن بولۇپ 17 ئورۇندىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق مۇخبىر ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ زىيارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىسلاھاتى، ئېنېرگىيە بايلىقى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئۈچ كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىزغىن ئەمەلىيەت ۋە نەتىجىلىك تەجرىبىلەرنى پۈتۈن تاراتقۇلۇق، كۆپ نۇقتىدىن خاتىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدىكى يېڭى تەدبىر، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى ۋەزىيىتىنى، ھەر مىللەت ئامما بىۋاسىتە ھېس قىلالايدىغان يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجىلەرنى جانلىق نامايان قىلىدۇ.

«شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن، بىز تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرى ئارقىلىق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى ئىگىلىدۇق، نەق مەيدانغا كېلىپ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولغانلىقىمىزدىن ناھايىتى ھاياجانلاندۇق ھەم ئىشەنچكە تولدۇق! بىز بۇ قېتىمقى <يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى> بويىچە شىنجاڭ باش تېما زىيارەت پائالىيىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، نۇرغۇن تارماقنىڭ كەسىپ تايانچلىرىنى زىيارەتكە قاتنىشىشقا ئەۋەتتۇق.» نۇر گېزىتى كىتابلاردىن ئۈزۈندە ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى سۈن مىڭچۈەن مۇنداق دېدى: قولۇمدىكى قەلەم ۋە تېلېكامېرادىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن.

«شىنجاڭ ناھايىتى گۈزەل جاي، بۇ قېتىمقى سەپەردە شىمالىي شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا قاتناشقاندا، مەن ھەرقايسى جايلارنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ قانداق قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلدىم» دېدى مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىقتىساد ساداسى پىروگراممىسىنىڭ مۇخبىرى جياڭ يۇڭ.

پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» بويىچە شىنجاڭ باش تېما زىيارەت پائالىيىتى ئەھۋال تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى، سودا نازارىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پائال تۈرتكە بولۇشتىكى ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.