شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، «تىيانشاندا تولۇن ئاينى بىرلىكتە تاماشا قىلىش» باش تېمىسىدىكى 2023 ـ يىللىق شىنجاڭ جۇڭچيۇ بايرىمى كېچىلىكى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە قىزغىن ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ مەيدان كېچىلىكنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ جۇڭچيۇ بايرىمى كېچىلىكى ھېسابلىنىدۇ. كېچىلىك مۇقەددىمە، يۇرتۇمدىكى ئاي ئەڭ يورۇق، ئاينى تاماشا قىلىپ جەم بولۇش توغرىسىدا توختىلىش، تولۇن ئاي تاغ ـ دەريالارنى يورۇتتى، خاتىمەدىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ناخشا ـ ئۇسسۇل، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، كىيىم ـ كېچەك كۆرگەزمىسى قاتارلىق مول، رەڭدار نومۇر شەكلى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىنى ئېلىپ كەلدى.
«نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تولۇن ئايدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىنى بىللە تەبرىكلەپ كەلدى. بۇ مەيدان كېچىلىك ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش سەمىمىي ھېسسىياتى ۋە جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ئورتاق بايان قىلىپ، ئىللىق، رومانتىك بايرام كەيپىياتى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» كېچىلىكنىڭ رېژىسسورلىرىنىڭ بىرى، ئۇسسۇل باش نازارەتچىسى شىن جۈنجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: كېچىلىكنى 500گە يېقىن ئارتىس، خىزمەتچى خادىم بىرلىكتە ئورۇنلىدى، يارقىن نۇقتىلار نامايان بولدى.
كېچىلىك ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ شىمالىي مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، يېرىم يۇمىلاق شەكىللىك ئاساسىي ئېكران ۋە يېرىم يۇمىلاق شەكىللىك ئاساسىي سەھنە تولۇن ئاينى ھاسىل قىلغان بولۇپ، سەھنە ئەتراپىنى قۇتلۇق بۇلۇتلار ئوراپ، بۇ مەركەزدىكى ئىمارەتلەر توپىنىڭ قار لەيلىسى شەكلى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ماسلىشىپ، «گۈللەر ئارىسىدىكى تولۇن ئاي كېچىسى»دىن ئىبارەت كۆرۈش سېزىمى مەنزىرىسى نامايان قىلىندى.
پۈتۈن مەيدان ئويۇن تەخمىنەن ئىككى سائەت بولۇپ، ئىللىق، رومانتىكلىق ئىچىدە قويۇق جەم بولۇش خۇشاللىقى كەيپىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. باشلىنىش ناخشا ـ ئۇسسۇلى «تىيانشاندا تولۇن ئاينى بىرلىكتە تاماشا قىلىش»تا شادىيانە شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇلى شۇھامان نەق مەيدان كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇۋەتتى. سۇ شىنىڭ داڭلىق ئەسىرى «شۇيدياۋ گېتوۋ . تولۇن ئاي قاچان كۆرۈلىدۇ» دېكلاماتسىيە قىلغۇچىنىڭ ئېسىل دېكلاماتسىيە قىلىشى بىلەن شېئىرىي ھېسسىياتقا تويۇندى. خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەن ئۇسسۇللۇق تىياتىر «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز»دىن ئارىيە «پانۇس ئۇسسۇلى»دا ئۇسسۇلچىلار لەرزان، شوخ ھەرىكەتلىرى بىلەن خۇددى پەرىزاتلارغا ئوخشاپ قالغانىدى. كىيىم ـ كېچەك كۆرگەزمىسى «كۈز كېچىسى ۋە گۈزەل سۈرەت»تە، لايىھەلىگۈچى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىق ئامىللارنى زامانىۋى كىيىم ـ كېچەكلەرگە سىڭدۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى دەۋر قىممىتىنى نامايان قىلدى. ئۆسمۈرلەر كۆرۈنۈشلۈك ئويۇنى «ئاينىڭ ئەكس ساداسى»دا تۇرپان مۇزېيىدىكى مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چىقىش قىلىنىپ، 1300 يىل بۇرۇنقى ئىدىقۇتلۇق ئۆسمۈر بۇ تيەنشوۋ «زامان ـ ماكاندىن ھالقىپ» ھازىرقى زامانغا كېلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۆسمۈرلەر بىلەن «مۇھاكىمە ۋە بايان»نى بىرلىكتە كۈيلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
كېچىلىكتە نۇرغۇن داڭلىق ناخشىچى، ئارتىسلار سۈرەتكە ئېلىشقا تەكلىپ قىلىندى. خەيلەي ئامۇ «ئۇسسۇل ئوينايلى»، «ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن ئۆسمۈر» ناملىق ناخشىنى ئېلىپ كەلدى، يېقىملىق مېلودىيە، ھاياتىي كۈچكە تولغان ناخشا بىردىنلا تاماشىبىنلارنى تەڭلا ھاياجانغا سالدى. ناخشىچى موخۇالۇن، ۋاڭ بىڭبىڭ ئېيتقان «سۆيىمەن سېنى جۇڭگو» ناملىق ناخشىدا سەمىمىي ناخشا ساداسى ئارقىلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە تىلىكى ئىپادىلەندى. سا دىڭدىڭ ئېلىپ كەلگەن «سول قولدا ئاينى كۆرسىتىش»، «خۇڭيىن» ناملىق ناخشىلاردا ساپ، سۈزۈك ناخشا ساداسى كىشىگە ئاجايىپ ماسلاشقان جەلپكار تۇيغۇ بەخش ئەتتى. تاسقىن ئېلىپ كەلگەن «شامالسىز كېچە» ناملىق ناخشا يېقىملىق بولۇپ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى تولىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئارافات ئېيتقان «قەشقەر كېچىسى» ناملىق ناخشىنىڭ مېلودىيەسى يېقىملىق، رىتىمى لەرزان بولۇپ، تاماشىبىنلارنى بىر مەيدان گۈزەل قەشقەر كېچىلىك ساياھىتى سەپىرىگە يېتەكلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ جۇڭچيۇ بايرىمى كېچىلىكى 9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى قانىلىدا كۆرسىتىلىدىكەن.