ئاپتونوم رايونىمىز دەسلەپكى قەدەمدە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئىككى دەرىجىلىك ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ئۇچۇرى سۇپىسى قۇرۇپ چىقتى

日期:2023年09月14日
来源:天山网
【字体:

  9- ئاينىڭ 12- كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ سەھىيە- ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قومۇل شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ ئالاقە تورى + داۋالاش- ساغلاملىق قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داۋالاش چوڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوللىنىشنى پائال كېڭەيتىش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساغلاملىق- داۋالاش چوڭ سانلىق مەلۇمات بايلىقى مەركىزى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئىككى دەرىجىلىك ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ئۇچۇرى سۇپىسى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقىلغان، قىسمەن ناھىيەلەردە ناھىيە دەرىجىلىك سۇپا قۇرۇلغان، سەھىيە- ساغلاملىق كەسپىنىڭ ھەر قايسى كەسىپ بۆلەكلىرىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بىرىكتۈرۈلۈپ ئۇلانغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز 2- دەرىجىلىك (2- دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن يۇقىرى 169 ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتىنى خەلققە قولايلىق يارىتىش كۆزنىكى ۋە «ساغلام شىنجاڭ APP»سىگە ئۇلاشنى تاماملاپ، ئاھالىلەرنى ۋاقىت بۆلىكىگە ئايرىپ ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش مۇلازىمىتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالىنىشقا يېتەكلەش- كېسەل كۆرسىتىشكە ئايرىش، دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى ساقلاشنى ئەسكەرتىش، سىناش- تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش، كېسەل كۆرسىتىش ئارىلىقىدا راسچوت قىلىش، ساغلاملىق ئارخىپىنى ئاپتوماتىك سۈرۈشتۈرۈش ۋە كۆچمە چىقىم قىلىش قاتارلىق لىنىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئاھالىلەر ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق كارتىسىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سۇپا ھالقىغان، رايون ھالقىغان، تارماق ھالقىغان، ئاپپارات ھالقىقان ھەممىباب كارتا ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.