شىنجاڭ شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىش تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقتى

日期:2023年09月14日
来源:天山网
【字体:

9- ئاينىڭ 12- كۈنى، قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسىنىڭ شامالچاۋاغ كەنتىدە، ئائىلە دوختۇرى تەۋەلىكتىكى ياشانغان كىشىنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىسۇ لۇپىڭفوتوسى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرسۇ لۇپىڭ) مۇخبىرنىڭ 9- ئاينىڭ 12- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش- ساغلاملىق چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى قوللىنىش ۋە ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالاش، ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆسكەن.

  ھەر قايسى داۋالاش ئورتاق گەۋدىلىرى دوختۇرخانىلارنىڭ مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرىدىن «1 + N» شەكلى ئارقىلىق ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم ئىمزالاش ئەترىتى تەشكىللىشىگە باشلامچى بولۇپ، يۆتكەپ داۋالاش يېشىل يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كېلىشىم ئىمزالىغان ئاھالىلەرنىڭ ئالدىن داۋالىنىشى ۋە دوختۇرخانىدا يېتىشىغا قولايلىق ياراتقان. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1265 كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىش ئەترىتى تەشكىللەنگەن، جەمئىي 43 مىڭ 349 تېببىي خادىم كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىش تورى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلغان.