ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردىكى تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، يەنە شىنجاڭ كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ھەمدە ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش داۋامىدا فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتى، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقى، يېڭى نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ نامايان قىلىشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتىدە يېڭى قەدەم تاشلىنىپ، يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتىدە ساقلانغان يەنە بەزى كەمتۈكلۈكلەرنى جىددىي تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا، كادىرلار سىستېمىسى، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، ئىستىلى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا يەنە ئۇيغۇنلىشالمايدىغان تەرەپلەر بار. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە باتۇرلۇق بىلەن توغرا قاراپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا تۇتۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭ تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، دائىملىق ئۆگىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە بولغان چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. روشەن بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسىپتە پىشقان، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان، دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، ئىستىلى ئەلا، پاك - دۇرۇس بولغان كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، بولۇپمۇ ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»لىك ئورنىغا ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، نەزەرىمىزنى پۈتۈن مەملىكەتكە قارىتىپ، مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇپ، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، قاتتىق باشقۇرۇپ نازارەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، توپلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىياسىتى ۋە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، نۇقتىلىق تۈر، ئالاھىدە كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى دائىملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تەرتىپكە سېلىپ، كۈچەيتىپ، خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق يېزا - كەنتلەرگە 1 - شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى دائىملىق تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئۈنۈملۈك سۇپا بەرپا قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تەشكىلات تارماقلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم فۇنكسىيەلىك تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپ بىلەن ئۆز قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ پارتىيەگە سادىق، ئادىل - دۇرۇس، ئەمەلىيەتچىل - يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىقتىدارى يۇقىرى، پاك - دۇرۇس بولغان ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە كومىتېتىغا ھەمكارلىشىپ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۇتقىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى مەھكەم تۇتۇپ، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، كادىرلار خىزمىتى سىستېمىسى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات سىستېمىسى، تەشكىلات سىستېمىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئەزالىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بەنزىسى ئەزالىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگانلىرى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.