توغراقلىقتىن ھالقىپ ئۆتكەن «ئۇچار ئەجدىھا» شىنجاڭ تۇمشۇق-قۇرۇمقاش قۇملۇق تاشيولىدىكى يەكەن دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى تاماملاندى

日期:2023年06月09日
来源:天山网
【字体:

نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۇمشۇق-قۇرۇمقاش قۇملۇق تاشيولىدىكى يەكەن دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى تاماملاندى.

شى يۈجياڭ فوتوسى

جۇڭگو ئاخبارات تورى، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ تۇمشۇق تېلېگراممىسى (شى يۈجياڭ)6-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 18 ئەتراپىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شىسى تۇمشۇق شەھىرىدىن 14-شى قۇرۇمقاش شەھىرى قۇملۇق تاشيولى (تۆۋەندە تۇمشۇق-قۇرۇمقاش تاشيولى دەپ ئاتىلىدۇ) 3-شى بۆلىكىنىڭ 2-بۆلىكىدىكى يەكەن دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي رامكا قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرى نەق مەيداندايەكەن دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭكۆز يەتكۈسىز توغراقلىق ئاسمىنىنىخۇددى ئۇچار ئەجدىھادەككېسىپئۆتكەنلىكىنى، خىزمەتچىلەرنىڭ كۆۋرۈك يۈزىدە جىددىي، تەرتىپلىك،ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇمشۇق-قۇرۇمقاش قۇملۇق تاشيولى جۇڭگودىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان 4-تاشيول بولۇپ، بۇ تاشيول 3-شى تۇمشۇق شەھىرىدىن 14-شى قۇرۇمقاش شەھىرىگە تۇتىشىدىكەن، ئۇ بىڭتۇەننىڭ «14-بەش يىل»لىق ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى مۇھىم قاتناش غول لىنىيەسى ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇش تۈرى 2021-يىلى 6-ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئومۇمىي لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 276 كىلومېتىر كېلىدىكەن. تاشيولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، تۇمشۇق شەھىرىدىن قۇرۇمقاش شەھىرىگە بارىدىغان مۇساپە ئەسلىدىكىدىن ئىككى، ئۈچ سائەت قىسقىرايدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ تاشيولنىڭ 14-شى بۆلىكىدىكى 150 نەچچە كىلومېتىرلىق يول يۈزىنى قاتتىقلاشتۇرۇش تاماملانغان.

چوڭ كۆۋرۈك 3000 مېتىرغا يېقىن ئىپتىدائىي توغراقلىقنى قوغداش رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. سۈرەتتە قۇرۇلۇشنىڭ ئۈنۈمخەرىتىسى.

شى يۈجياڭ فوتوسى

3-شى قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى تاشيول ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەكەن دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ كەڭلىكى 12 مېتىر بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن ۋە ئەڭ ئېگىز يېرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 11 مېتىر ۋە 28 مېتىر كېلىدىكەن، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناش باشلاش پىلانلىنىپتۇ.

3-شى تاشيول قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق تۈرىنى ۋاكالىتەن قۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى لياڭ ۋېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇمشۇق-قۇرۇمقاش تاشيولى 3-شى بۆلىكىنىڭ 2-بۆلىكى يەكەن دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى تۈرى3-شى تۇمشۇق شەھىرىنىڭ ئىچكى جەھەتتە راۋان، سىرتقا تۇتاشقان، ئېكولوگىيەنى قوغدايدىغان مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، كۆۋرۈك 3000 مېتىرغا يېقىن ئىپتىدائىي توغراقلىقنى قوغداش رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىكەن.

خىزمەتچى خادىملار كۆۋرۈك ئۈستىدە جىددىي، تەرتىپلىك قۇرۇلۇش قىلماقتا.

شى يۈجياڭ فوتوسى

لياڭ ۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 17 مېتىر. 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، بۇ كۆۋرۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى، 100 توننىغا يېقىن ئاددىي تىرەكلىك ساندۇقسىمان لىم لىم توشۇش ئاپتوموبىلى ۋە لىم ئېسىش ماشىنىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىداكۆۋرۈك كۆتۈرمىسىگە مۇقىملاشتۇرۇلدى، نۆۋەتتە يەكەن دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئۈستى قۇرۇلمىسىنىڭ پولات ساندۇقسىمان لىمىنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاساسلىق قۇرۇلۇشلار تاماملىنىپ، كۆۋرۈك يۈزى قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتىدۇ.

تۇمشۇق-قۇرۇمقاش قۇملۇق تاشيولى پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ بىڭتۇەن يول تورىنى تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، شىنجاڭ بىڭتۇەن شەھەرلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.