شىنجاڭدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى، 4 مىليون 560 مىڭ توننا ئامبار سىغىمى تەييارلاندى

日期:2023年06月08日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى سىن يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى ئارقا- ئارقىدىن باشلانغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 3 مىليون 300 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋېلىش مۆلچەرلەنگەن. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرى 4 مىليون 560 مىڭ توننا ئامبار سىغىمىلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلغان بولۇپ، بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشتىكى ئامبار سىغىمى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىدە بازارلاشتۇرۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، بازارنىڭ سېتىۋېلىش ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدىكەن. دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش- سېتىش كارخانىلىرى ئاساسىي يوللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتا كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولۇش، تىجارەت ئەسلىھەلىرى تولۇق، ساقلاش ئىقتىدارى يېتەرلىك، سېتىۋېلىش مەبلىغى يېتەرلىك بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، بازارغا پائال كىرىپ سېتىۋېلىپ، سېتىۋېلىش بازىرىنى ياخشى يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش- سېتىش تۆۋەن چېكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ساقلاپ، قويۇۋېتىپ سېتىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.


5- ئاينىڭ ئاخىرىدا، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزىسى شىكەر قۇمۇشئېرىق كەنتىدە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى دېھقانلارغا بۇغدايدىكى كېسەللىك- ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

نەبىجان ئېزىز فوتوسى

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىگە پائال تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بانكىسى 13 مىليارد 800 مىليون يۈەن سېتىۋېلىش كىرېدىت مەبلىغى تەييارلاپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2 مىليارد 200 مىليون يۈەن كۆپەيتىپ، «پۇل ئاشلىقنى كۈتۈپ تۇرۇش» «ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇل بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئامبارلارنى بىكارلاپ بىرلەشتۈرۈش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئەسۋابلارنى تەكشۈرۈش، خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئاشلىق سېتىۋالىدىغان ئادەم بولۇش» «ئاشلىق قاچىلايدىغان ئامبار بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەرقايسى جايلاردىكى ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش تارماقلىرى مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش يېڭى ۋەزىيىتىگە ئاڭلىق سېلىشتۇرۇپ، ئاشلىق سېتىش سۇبيېكتى، شەكلى، رىتىمىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، تۈزۈمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، شارائىتى بار جايلار ۋە كارخانىلار توردا ئالدىن كېلىشىپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ، يان تېلېفون تېرمىنالى، ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىقلارنى كېڭەيتىپ قوللىنىدۇ، ئاشلىق ساتىدىغان دېھقانلارنى ئاز ئۆچرەتتە تۇرۇش، ئاشلىقنى تېز سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىدە ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ، ئاپتونوم رايون ئاشلىق ساتقان دېھقانلارغا ئاق ھۆججەت بېرىش، دەرىجىسى ۋە باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، ئاشلىقتىكى سۇ تەركىبى، ئارىلاشما ماددىلارنى كۆپ تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاشلىق ساتقان دېھقانلارنى «خاتىرجەم ئاشلىق» سېتىش، «ئازادە ئاشلىق» سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

2023- يىلى ئاپتونوم رايوندا بۇغداينىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە سېتىۋېلىش باھاسى 3- دەرىجىلىك بۇغداينىڭ ھەر كىلوگىرامى 2.34 يۈەن بولۇپ، 2022- يىلىدىكىدىن ھەر كىلوگىرامى 0.02 يۈەن ئاشقان، تۇتاش دەرىجىلەرنىڭ ھەر كىلوگىرامى 0.04 يۈەن پەرقلەنگەن. ئىجرا قىلىدىغان رايون ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ھەمدە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى (شەھەر)لىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە سېتىۋېلىنىدىغان بۇغداينىڭ سۈپەت ئۆلچىمى دۆلەت ئۆلچىمىدىكى 3- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (3- دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 3- دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بۇغداينى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش- سېتىش يولغا قويۇلىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداينىڭ ئۆسۈشى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسى پۇختا بولغان. يېقىندا ئاپتونوم رايوندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زاپاس بۇغداينى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىشتىكى پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى مۇقىم ئۆرلىدى، نۆۋەتتىكى بۇغداي بازىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ يىل جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە سېتىۋېلىشنى قوزغىتىش مۇمكىنچىلىكى بىرقەدەر كىچىك.