بىرەر ماھارەت ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇش

日期:2023年06月08日
来源:天山网
【字体:

− «خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر (3)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

«ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرغىلى بىر مەزگىل بولدى، خېرىدارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتامدۇ» «خېرىدارلار بەزى ئادەتلىرىنى دەسلەپتە تەپسىلىي ئېيتىپ بەرمەسلىكى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا تەپسىلىي كۆزىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ»... 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ دولان كوچا باشقارمىسى تەۋەلىكتىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئىشسىزلارغا قارىتا ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى، نۇرئامىنە يۇنۇس قايتا ـ قايتا ئۈلگە كۆرسىتىپ مەشغۇلات قىلىپ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن تاپىلاپ، كۇرسانتلارغا كىيىم ـ كېچەكلەرنى يىغىش ـ رەتلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگەتتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى ئورتاقلاشتى.

«ئىلگىرى ھېچقانداق ماھارىتىم بولمىغاچقا، خىزمەت تېپىشىم دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك تەس ئىدى، شۇنچە كۈچ سەرپ قىلىپمۇ مۇۋاپىق ئىش ئورنى تاپالمىغانىدىم. ھازىر تەربىيەلىنىش ئارقىلىق خىزمەت تېپىپلا قالماي، يەنە ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمەتچىسىدىن ئائىلە ئىشلىرى بويىچە تەربىيەلەش لېكتورىغا ئايلاندىم، دەرس ئۆتۈشتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر تۈردىنلا خېلى كۆپ كىرىم قىلالايمەن» دېدى نۇرئامىنە.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئىشسىزلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش باسقۇچىغا قارىتا، تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قاتلامغا، تۈرلەرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى ۋە ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇرئامىنە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تاللا بازىرىدا پۇل يىغقۇچى، مېھمانخانا مۇلازىمەتچىسى، قاچا يۇيۇش ئىشچىسى بولغان بولۇپ، نۇرغۇن پارچە ـ پۇرات ئىشلارنى قىلغانىدى. كېيىن، ئۇ شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى تەشكىللىگەن ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى كەسپىي ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ يىل 4 ـ ئايدا يەنە ئاقسۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن ئالىي دەرىجىلىك ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمەتچىسى كۇرسىغا قاتناشتى ھەم ئىمتىھان بېرىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمەتچىسى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك خادىم كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى، ھازىر ھەر ئايدا 5000 يۈەن مائاش ئالىدۇ.

تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سىياسىتىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر ـ يېزىلاردىكى بارلىق ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئوبيېكتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۆگىنىش، خىزمەتنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا مۇناسىپ ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى سائەت 8دە، يان تېلېفوننىڭ قوڭغۇراقلىق سائىتى جىرىڭلىشى بىلەن، ساۋەن شەھىرى بورتۇڭگى يېزىسى ئاقجىيمىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالسى رۇستەم جېڭىس ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز ـ كۆزىنى يۇيدى. سائەت 9دا، ئۇ قوغداش قالپىقىنى كىيىپ، توكسىكلىتنى ھەيدەپ، قوشنىلىرى بىلەن دەل ۋاقتىدا يېزىغا بېرىپ، كىراندا قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش ماشىنا مەشغۇلاتچىلىرىنى تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

32 ياشلىق رۇستەمنىڭ بىرەر ماھارىتى بولمىغاچقا، دېھقانچىلىق قىلغاندىن باشقا، ئادەتتە ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلارنى قىلىپ ئازراق كىرىم قىلاتتى. بۇ يىل 5 ـ ئايدا، رۇستەمگە ئوخشاش دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ بىرەر تېخنىكا ئىگىلەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ساۋەن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مەخسۇس دېھقان ـ چارۋىچىلارغا قارىتا 30 كۈنلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللىدى.

رۇستەم مۇنداق دېدى: ھازىر قۇرۇلۇش بارغانسېرى كۆپەيدى، كىراندا قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش ماشىنا مەشغۇلاتىنى ياخشى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۆيدىكى بىرنەچچە مو يەرنى خوتۇنۇمنىڭ تېرىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆزۈم قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەپ، ئائىلەمنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىمەن.

ئىشسىزلار، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق كىشىلەر توپىغا يۈزلىنىپ، تىزىملىك شەكلىدىكى تەربىيەلەش ۋە بېكىتىلگەن ئىش ئورنى بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەش دەل جايىدا قانات يايدۇرۇلدى؛ ئالاقە تورى + كەسپىي تەربىيەلەش يولغا قويۇلۇپ، توردىكى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇش سالمىقى زورايتىلىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىتىپ بىر تەرەپتىن تەربىيەلەش دائىرىسى كېڭەيتىلدى؛ تېخىمۇ كۆپ كارخانا تەربىيەلەشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش، شاگىرت تەربىيەلەش ئارقىلىق كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى چۆرىدىلىپ، ياردەم تولۇقلىما خاراكتېرلىك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مۇندەرىجە تىزىملىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكى كۈچەپ ئۆستۈرۈلدى... نۆۋەتتە، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان، شەھەر ـ يېزىلاردىكى بارلىق ئەمگەكچىلەرنى قاپلىغان كەسپىي ماھارەت بويىچە ئۆمۈرلۈك تەربىيەلەش ئاپتونوم رايونىمىزدا قانات يايدۇرۇلماقتا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش جەمئىي 1 مىليون 598 مىڭ 600 ئادەم قېتىم قانات يايدۇرۇلدى.