2023 ـ يىللىق «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» − مۇنەۋۋەر ئىجادىي ناخشا كېچىلىكىنىڭ شىنجاڭدىكى سەييارە ئويۇنى ئۈرۈمچىدە تۇنجى مەيدان قويۇلدى

日期:2023年06月08日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى كەچتە، 2023 ـ يىللىق «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» − مۇنەۋۋەر ئىجادىي ناخشا كېچىلىكى شىنجاڭدىكى سەييارە ئويۇنىنىڭ تۇنجى مەيدان ئويۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى يى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئويۇننى كۆردى.

بۇ قېتىمقى سەييارە ئويۇننى جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. كېيىنكى قەدەمدە، سەنئەتكارلار شىخەنزە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا سەييارە ئويۇن قويىدۇ.

«تىيانشاندا ياڭرىغان ناخشا» «شىنجاڭنى سۈرەتلەيمەن» «شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىمەن» «تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا» «بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» «قاناستىكى ئاي نۇرى» «خۇشاللىققا قاراپ ئاتلىنىش» «چېگرا رايون» «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى»... ناخشا كېچىلىكىدە لياۋ چاڭيۇڭ، لۈ جىخۇڭ، ۋاڭ خۇڭۋېي، ۋۇ بىشيا، ۋاڭ چىڭشۇاڭ، ۋاڭ لىدا، ۋاڭ لى، شى پېڭ، ساۋ فۇجيا، تاڭ فېي، جياڭياڭجوما، ئورچىلىڭ قاتارلىق ناخشىچىلار، ليۇ جىن، جاڭ زېچۈن، شۈ چۇننى قاتارلىق سەنئەتكارلار ۋە شىنجاڭلىق يەرلىك سەنئەتكارلار شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئۇسسۇل شۆيۈەنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ «تىيانشان بۇلبۇلى» خور ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە، تاماشىبىنلارغا ئون نەچچە مۇنەۋۋەر ئىجادىي ناخشىلارنى ئېيتىپ بەردى. قويۇق شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە، تېما ئۇسلۇبى كۆپ مەنبەلىك ناخشىلار ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك ئورتاق ساداسىنى قوزغىدى ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. تاماشىبىنلار مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ناخشىلاردا شىنجاڭ كۈيلىنىپتۇ، كۈيلەنگىنى شىنجاڭ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە ئۈمىدى بوپتۇ، بۇ ناخشىلار كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان، ئىناق ـ تىنچ بولغان گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ بەردى.

بۇ قېتىمقى سەييارە ئويۇندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى داڭلىق تېكىست ـ مۇزىكا ئىجادىيەتچىلىرىدىن جاڭ چيەنيى، خې مۇياڭ، چۈ يۈەن، شۇ نەن، ياڭ چىفاڭ، ۋاڭ بېي، ياڭ يىبو، لى كەيچوۋ قاتارلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ تۇرمۇش ئۆگىنىپ ئىجاد قىلىشقا تەشكىللەش جەريانىدا ئىجاد قىلىنغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ناخشىلار ئېيتىلىپ، جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش» باش تېما ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئۈنۈمى نامايان قىلىندى، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش نامايان قىلىندى.

جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس جۇدى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن مۇقىيات جارمۇقاممەت، سۈن خۇڭمېي، جەرۇللا ھېسامىدىن، لى جېنگو، مۇتەللىپ مەتتوختى قاتارلىقلار ئويۇننى كۆردى.