شىنجاڭدىن 55 ئورۇن شېنجېن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

日期:2023年06月08日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، شېنجېن، 6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ: 6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، 19 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە ـ سودا يىغىنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شېنجېن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى» دېيىلىدۇ) شېنجېن خەلقئارا يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 55 كارخانا، كەسپىي ئورۇن كۆرگەزمىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن. كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئورۇنلار مەدەنىيەت ئويۇن قويۇش كەسپى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى، ئىجادىيەت ـ لايىھەلەش كەسپى، ھۈنەر ـ سەنئەت كەسپى، كارتون كەسپى، قاشتېشى ۋە مەنزىرە تاش كەسپى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلما كەسىپ ھالىتى قاتارلىق 11 كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

«بۇ قېتىم شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ھەمدە ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت تۈرلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرى گەۋدىلىك كۆرگەزمە قىلىندى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش تايانچ قىلىنىپ، <شىنجاڭ ياخشى جاي> داڭلىق ماركىسى سىجىل تونۇتۇلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى كەسىپ تەرەققىياتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ئەخمەت ئەمەت.

تارىخىي تېمىدىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن»، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا جان كىرگۈزۈلگەن سەھنە تىياتىرى «مىڭ يىللىق سۆز»، دىراما «ئالتۇن رەڭ توغراق» ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ئېكراندا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت سەھنە ئىجادىيىتىنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە يۈكسىلىۋاتقانلىقى نامايان قىلىندى؛ ئون ئىككى مۇقام، ماناس ئېيتىشىش، جاڭغىر ئېيتىش، قەدىمكى كىيىم ـ كېچەك كۆرگەزمىسى تۈركۈم ـ تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى جەلپ قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى بىلدۈردى، شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدىكى ئالتە بۆلەك ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يول باشلاش . ئۇنىۋېرسال نەتىجىلەر كۆرگەزمە رايونى، يىپەك يولىدىكى مۇزىكىلىق ئۇسسۇل . نادىر ئويۇنلار كۆرگەزمە رايونى، ئىناقلىق، گۈزەللىكتە بىللە ئۆتۈش . مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش كۆرگەزمە رايونى، ئۇستىكارلار ساياھەت سوۋغىسى . مەدەنىيەت ئىجادىيىتى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمە رايونى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئورتاق نەتىجە يارىتىش . كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش كۆرگەزمە رايونى، مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىش . يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كۆرگەزمە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۆرگەزمە رايونىدا نامايان بولغانلىرىدىن جۇڭگو قاشتاش ئويمىچىلىق ئۇستىلىرى ئويۇپ ياسىغان شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە ئالتە قاشتاش ئويمىسى بار، «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» «قوچۇ بېگى ۋە قوچۇ بېگىنىڭ ئاغچىسى» «كۈسەن تام رەسىملىرى»دىن ئىبارەت ئۈچ يۈرۈش يۈرۈشلەشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەقلىدىي بۇيۇملىرى ياكى سۈرەتلىك ئەسەرلەر بار، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەشتىچىلىك تىپىك تۈرلىرى بويىچە ئىجادىي نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى بار، يەنە شىنجاڭدىكى تۆت ئالىي مەكتەپتىن كەلتۈرۈلگەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بار.

«بۇ قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئەسەرلىرىنى شۆيۈەنىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە لايىھەلەپ ئىجاد قىلغان، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىزنىڭ بارلىق لايىھەمىزنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسى، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق، كەشتىچىلىك، يىپەك توقۇمىچىلىق ـ بوياقچىلىق ئامىللىرى مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدە تولۇق پايدىلىنىلدى. بىز مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، بەدىئىيلىكى كۈچلۈك بۇ ئەسەرلەرنىڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى شىنجاڭ داشۆ توقۇمىچىلىق ۋە لايىھەلەش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن چېن.

بۇنىڭدىن باشقا، «بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى، قورغاس تاشقى مەدەنىيەت ـ سودا سۇپىسى، «مەدەنىيەت كەسپى ۋە ساياھەت كەسپى بويىچە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى»، «جۇڭگو كۆزنىكى» خەلقئارا (رۇس تىلى سىستېمىسى) رەقەملەشكەن مەدەنىيەت ـ سودا تىجارەت سۇپىسى قاتارلىقلار شىنجاڭنىڭ «مەدەنىيەت ـ ساياھەت + پەن ـ تېخنىكا» ئېنېرگىيەسىنى نامايان قىلدى.

2006 ـ يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇدا 17 نۆۋەت شېنجېن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى.